پەيزىۋاتتىكى 27 - ئاۋغۇست قىزىل بويى ۋەقەسى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار (2)
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.08.29
2008.08.29

AFP Photo
پەيزىۋات ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىزىل بويى ۋەقەسىدىكى ھۇجۇمچىلارنىڭ يامان يار ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىگە ھازىرچە ماددىي پاكىت يوق، ئەمما ئۇلار پەرىزىنىڭ توغرىلىقىغا %90 ئىشەنچ بىلەن قارىماقتا.
يامان يار ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە بۈگۈن 17 كۈن بولدى، قىزىل بويى ۋەقەسى يۈز بەرگىنىگە3 كۈن بولدى. ئەمما گۇماندارلار ھازىرغىچە تۇتۇلمىغان. نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتى مەزكۇر گۇماندارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئومۇمى يۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلگەن. قەشقەر ۋالىسى ئەكبەر غوپۇرمۇ سەپنىڭ ئالدىدا. قەشقەر پارتكوم سېكرىتارى شى داگاڭ ساقچىلارنى، تۇتۇش جەريانىدا خاتالىشىشتىن قورقماسلىققا چاقىرغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، مەزكۇر ۋەقە گۇماندارلىرىنى بىر ئوچۇم كىشىلەر دەپ ئاتىغان ۋە ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋەزىيىتىنىڭ چوڭ جەھەتتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما قەشقەر خەلقىنىڭ ۋەقە گۇماندارلىرىنى بۈگۈنگە قەدەر باغرىدا يوشۇرۇپ كېلىشى چىنگاڭنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلماقتا.
نۆۋەتتە قىزىل بويى ۋەقەسىدىكى يارىدار ساقچىلاردىن بىر نەپىرىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولدى، ئەمما يارىدارلاردىن بىر نەپىرىنىڭ ئىككى بارمىقى كېسىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس.
يەرلىك ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى بۈگۈن ۋەقە گۇماندارلىرى ھەققىدە ۋە قىزىل بويى ۋەقەسى ھەققىدە يەنە بىر قاتار يېڭى ئۇچۇرلار بەردى. مەلۇم بولۇشىچە گۇماندارلار سانى 7 دىن 9 غا كۆپەيگەن، ئۇلاردىن بىرى ئانارگۈل مۇتەللىپ ئىسىملىك ئايالدۇر.
دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى مۇستەھكەملىكى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان ئانارگۈل، دەسلەپتە يامان يار ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىغا ياردەملەشكەن دەپ قارىلىپ تەقىپ قىلىنغان بولسا، ئەمدىلىكتە قىزىل بويى ۋەقەسىنىڭ بىۋاستە ئىشتىراكچىسى سۈپىتىدە ئىزى قوغلانماقتا.
ئانارگۈل مۇتەللىپ ئەسلىدە پەيزىۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ بىر مەزگىل ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا دىنىي تەلىم ئېلىش ياكى دىنىي تەرغىبات بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن قىزىل بويى يېزىسىغا توي قىلىپ كەلگەن.
تۈنۈگۈنكى ئىگىلىشىمىزدە پەيزىۋات ساقچى باشلىغى ئانارگۈل مۇتەللىپنىڭ ئانىسى ئامانگۇلنى مىشا ساقچى پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈنكى مەلۇماتتا ئۇنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
مەزكۇر ساقچى خادىمى يەنە گۇماندارلارنىڭ ئالاھىدە چېنىققان ، بەستلىك كۈچلۈك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ، پەيزىۋات ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 27 - ئاۋغۇست قىزىل بۇيا ۋەقەسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلاردۇر.