سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىمجان ھاجى توغرىسىدا

1931- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان مىللىي ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلار ئانا يۇرتىنى تاشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. قاسىمجان ھاجىم خوتەنىيمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011.01.03

قاسىمجان ھاجىم توغرىلىق كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ”قۇتادغۇبىلىك“نى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم قاسىمجان ھاجىم توغرىلىق تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەپ بەردى :« قاسىمجان ھاجىم 1926- يىلى مەككىگە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ۋە مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇسا جارۇللا بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇ كىشىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم قرال ئابدۇلئەزىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن، كېيىنچە ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن ئىكەن. ئەسلى بۇ كىشى 1901- يىلى خوتەننىڭ ئىلچىدە ھاللىق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىپتىدائىي تەلىمىنى خوتەندە ئالغان بولۇپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ھەم تىجارەت، ھەم بىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن يۈرۈش جەريانىدا مۇسا جارۇللا بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ ئۇنىڭدىن مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىن روھىي كۈچلەرنى ئالغان ئىكەن. كېيىنچە تىجارىتىنى تۇرپانغا يۆتكەپ بېرىپ شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان ۋە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ مەشھۇر قوماندانى مەھمۇد مۇھىدىينىڭ قىزى رەھىمە خانىمغا ئۆيلەنگەن. قۇمۇلدا ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، خوتەندە ئىنقىلاب پارتلىغاندا خوتەن مۇجاھىدلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلىنىپ، كېيىنچە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئىكەن.

قاسىمجان ھاجىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:«قاسىمجان ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1934- يىلى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن بىرگە ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. بۇ جەرياندا بۇ ئادەم ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ھەر خىل ماقالىلەرنى يازغان، خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چاقىرىلغان ئىسلام قۇرۇلتايلىرىغا ئىشتىراك قىلغان. ئىسلام ئەللىرىنىڭ مەشھۇر كىشىلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقى ئالاھىدە بولۇپ، شۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇش يولىدا ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى قىلغان. ئۆزى ئانا تىلىدىن باشقا پارسچە بىلەن ئىنگلىزچىنى بىلەتتى.»

قاسىمجان ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

قاسىمجان ھاجىم ئائىلىسى بىلەن پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 1981- يىلى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە دۇنيادىن ئۆتكەن. بۇ كۈنى پاكىستان، ھىندىستان، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىدا ئۇنىڭ ۋاپاتى ئېلان قىلىنغان، كۆپلىگەن مەرسىيە شېئىرلار يېزىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.