قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار خوتەندە يۈز بەرگەن پاجىئەگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن رايونىدا يۈز بەرگەن قانلىق پاجىئە دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، زىيالىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان خوتەندىكى ئۇيغۇرلار نامايىشىنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇلۇشىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتىكى كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ۋە كۆرىنەكلىك شائىر ساۋۇتجان ئىسكەندەروفلار خوتەن ۋەقەسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.