قازاقىستاندا مارس سېيتاخۇنوۋ خاتىرىلەندى

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە مەرھۇم رەسسام ۋە يازغۇچى مارس سېيتاخۇنوۋنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلانغان كۆرگەزمە ئېچىلدى. بۇ كۆرگەزمىگە مەرھۇمنىڭ رەسىملىرى قويۇلدى ۋە ئالمۇتىدا ياشايدىغان ئۇنىڭ دوستلىرى، رەسساملار ۋە زىيالىيلار كۆرگەزمىنى كۆردى.

0:00 / 0:00

مارس سېيتاخۇنوۋ 1994 - يىلى، 55 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلغان رەسسام بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىر قانچە رومان ۋە پوۋېستلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان يازغۇچى ئىدى.

قازاقىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋاپات بولغان تالانت ئىگىلىرىنى دائىم ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت تۆھپىلىرىنى قەدىرلەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.