بۇ يىغىن بۈگۈن، يەنى 24-ئىيۇن كۈنى 6-كۈنىگە قەدەم قويدى. بۇ يىغىندا ھەر خىل تېمىلاردا دوكتور ۋە پروفېسسورلار، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سۆز قىلغان بولۇپ، يىغىندا باشتىن ئاخىرى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي تېما بولغانلىقى مەلۇم.
بۈگۈنكى يىغىندا ئاساسلىقى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان 80 دىن ئارتۇق يىغىن ئىشتىراكچىلىرى 4 گۇرۇپپىغا ئايرىلدى ۋە نېمە توغرىسىدا ھەمكارلىشىش؟ ھەمكارلىقنى قانداق كۈچەيتىش؟ قانداق ھەمكارلىشىش؟ قايسى ساھەدە ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت؟ دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىندى ۋە بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپلەر خاتىرىگە ئېلىندى.
بىز بۇ يىغىندا ھەمكارلىق توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپلەر توغرىسىدا تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇللا ھاجى بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر تەكلىپلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىرچە بۇ يىغىندا ئاساسلىقى 4 تۈرلۈك ساھەدە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇلاردىن 1-تەلىم-تەربىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق قىلىش. 2-تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىق قىلىش. 3-دىنى دەۋەت ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ھەمكارلىق قىلىش. 4-ئىقتىسادىي ساھەدە ھەمكارلىق قىلىش دېگەنگە ئوخشاش تۆت ساھەدە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بىز يەنە بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنى ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن قاتارلىق بىر قىسىم ئەربابلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.