قەشقەردە خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاي ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى قەشقەر شەھىرىدە خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 8 كىشى ئۆلگەن، 28 كىشى يارىدار بولغان.

2011.07.31
خىتاي دائىرىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىككى ئۇيغۇر
喀什市人民政府

ھۇجۇمچىلاردىن 4 نەپىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 4 نەپىرى ئەسىر چۈشكەن، 4 نەپىرى قېچىپ كەتكەن. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋەقەنىڭ 1 ‏-كۈنى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش، قەشقەر شەھىرىدىكى يېڭى بازار دوقمۇشىدا، بىر ئاپتوموبىلنى بۇلاپ ئېلىپ، يول ياقسىدىكى خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا سوققان. ئارقىدىن ئاپتوموبىلدىن سەكرەپ چۈشۈپ قوللىرىدىكى پىچاق بىلەن يولدا كېتىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان. شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 6 كىشى ئۆلگەن .

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم ۋەقەگە قارىتا دەسلەپكى ئىپادىسىنى بىلدۈردى: ئۇ سۆزىدە ۋەقەنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، شۇڭا ۋەقەدە ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Aug 01, 2011 06:47 AM

ئۇيغۇرچە توردا بۇ خىلدىكى خەۋەرلەر بەكلام ئاز ھەم ئاستا ئىكەنسلەر. كۆپرەك ماتېرىيال توپلاپ يولغان بولساڭلار رەھمەت .