خىتاينىڭ قەشقەردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىزچىل كۈچەيتىلمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ۋىلايىتىدە جەمئىيەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا كاپالەت بېرىش ئۈچۈن، " گىلەم تازىلاش" ھەرىكىتى دېگەن نامدا تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى قوزغاپ، 150 قېتىملىق ئاختۇرۇش ۋە تۇتۇش داۋامىدا 500 دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.25
qeshqer-saqchi-charlash-305 ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo

 مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قولغا چۈشۈرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، " گىلەم تازىلاش " ھەرىكىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا 4 ‏ - ئاۋغۇست قەشقەردە يۈز بەرگەن سەمەن يولى ۋەقەسى سەۋەپ بولغان ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنكى ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە يولغا قويۇلغان " گىلەم تازىلاش " ھەرىكىتى 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەپ بولغان، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ھەرىكەت 4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن.

قەشقەردىكى ھۆكۈمەت تور بېتىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت جەمئىيەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرىدە 5 تۈرلۈك تەدبىرنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ 5 تۈرلۈك تەدبىر " ئۈچنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى" " چارلاش ھەرىكىتى" " نوپۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتى" " مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىش ھەرىكىتى " ۋە " ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش ھەرىكىتى" قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن روېيتېرس ئاگېنتلىقى، مەركىزى ئاگېنتلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ،" نۆۋەتتە قەشقەردە ھۆكۈمەتنىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتى تۈپەيلى ياشلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت يوقاپ كېتىش، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدا بىر - بىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن".

4 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە ساقچى تارماقلىرىنىڭ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي،خىتاي ئەسكەرلىرىگە زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ ھەرىكىتى " سەمەن يولى ۋەقەسى " نى پەيدا قىلغان ئىدى، ئىستانسىمىز مۇخبىرى ۋەقە يۈز بەرگەندە قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون ئۇرۇپ ۋەقەلىك ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ساقچى " بىز قەشقەردە قوللىنىشقا بولىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بولدۇق، قوللىنىدىغان چارە قالمىدى " دېگەن.

دىلشات رېشىت ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنكى ۋەزىيىتىگە جىددى كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

گەرچە بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىر قەشقەردە يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلىرى ۋە ئولىمپىكتىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرى توغرىسىدا قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى شۇنىڭدەك بىر قانچە ناھىيىلەرنىڭ بىخەتەرلىك باشقارمىلىرىغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر قولغا ئالغان 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قانداق جىنايەتلەر تۈپەيلى قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قايتا - قايتا تېلېفون ئۇرغان بولساقمۇ، تېلېفونىمىزغا جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى.

بىز قەشقەر شەھەر ئاھالىسىنى زىيارەت قىلدۇق. نامەلۇم بىر ئايال بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدىن ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغان ئادەملەر ھەققىدە خەۋىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ئەمما قەشقەر شەھىرىدە ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى جىددى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق.

قەشقەر شەھىرىدە ياشاۋاتقان يەنە بىر خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ناھايىتى خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار قانداق ؟دەپ سورىغان سوئالىمىزغا بەرگەن جاۋابىدىن قىياس قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.