بۇ تەكلىپلەر ئىچىدىكى 5 ماددا قەشقەرنىڭ خىتاي ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قاتناش لىنىيىسىنى كېڭەيتىش ھەققىدە بولغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بۇ پىلاننىڭ قەشقەر شەھىرىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ تېزلىتىلىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەشقەر ۋالىسى ئەكبەر غوپۇر تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئوتتۇرىغا قويغان قەشقەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات پىلانىدا «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە قەشقەر شەھىرىنى «خىتاينىڭ غەربىدىكى شېنجېن» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لايىھىسىنىڭ كونكرېت تەكلىپ -پىلانلىرى كۆرسىتىلگەن.
قەشقەر ۋالىسى ئەكبەر غوپۇر ئوتتۇرىغا قويغان بۇ 13 ماددىلىق تەكلىپ لايىھىسىنىڭ دەسلەپكى 5 ماددىسىدا قەشقەر شەھىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ھەم خەلقئاراغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان تۆمۈريول ھاۋا قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي ئۇچۇر مەنبەلىرىدە ئۆتكەن ھەپتە بېرىلگەن خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى «خىتاينىڭ غەربىدىكى شېنجېن» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ پىلاندا ئاۋۋال قەشقەر كونا شەھەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چىقىپ، قەشقەردە 50 كۋادرات كىلومېتىرلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇ قېتىم قەشقەر ۋالىسى ئەكبەر غوپۇر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ پىكىردە، قەشقەرنى خىتاينىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريول لىنىيىسىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان ھەم خىتاينىڭ غەربىي ئاسىيادىكى پاكىستان بىلەن تۇتىشىدىغان قاتناش تۈگۈنى قىلىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەكبەر غوپۇر بۇنى«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق 3 ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ھەم تەلىپى» دەپ ئىزاھلىغان.
ئەكبەر غوپۇر تەكلىپ لايىھىسىدە يەنە، قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلۇۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدە رايونىنىڭ تەلىپى بويىچە، قەشقەرنىڭ ھاۋا قاتنىشىدا خەلقئارالىق ھاۋا يوللىرى قاتنىشىنى لىنىيىسىنى كېڭەيتىپ، قەشقەر-ئىسلامئاباد-يېڭى دېھلى لىنىيىسىدىكى خەلقئارالىق ھاۋا قاتنىشى ھەم قەشقەر-دۇنخۇاڭ-جايۈگۇەن-لەنجۇ-شىئەندىن ئىبارەت خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان ھاۋا قاتناش يولى ئېچىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئۆز بايانلىرىدا، قەشقەر شەھىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرى ھەم خەلقئارا بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان تۆمۈريول ھاۋا يوللىرى قاتناش تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇلۇشى، قەشقەر شەھىرىگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە قەشقەر شەھىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ھەم غەربىي ئاسىياغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان قاتناش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ھەرگىزمۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى بولماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەكبەر غوپۇر تەكلىپ لايىھىسىدە يەنە، قەشقەر شەھىرىدە 50 كۋادرات كىلومېتىرلىق ئالاھىدە تەرەققىيات رايونى قۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 20 مىڭ مو كۆلەملىك جاينى دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، 2005-يىلدىن باشلاپ قەشقەردە ئېچىلىشقا باشلىغان قەشقەر سودا يەرمەنكىسىنى خەلقئارا دەرىجىلىك سودا يەرمەنكىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئېلشات ئەپەندى قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلۇۋاتقان 50 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى ئالاھىدە رايوننىڭ قەشقەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنىش پىلانلانغان يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، 20 مىڭ مو دائىرىدىكى دېھقانچىلىق تەرەققىيات رايونى دەپ ئاتالغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان نوپۇس ھەققىدە ئۆز پەرىزىنى قويدى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە 2005-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدىن ئەرزان ئەمگەن كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، ئەسلى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش پۇرسىتى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندا زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇپ، بۇ زېمىنغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىش مەقسىتىدە بۇ يەرنىڭ ئەسلى خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىستراتېگىيىسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىندا قەشقەر ۋالىسى ئەكبەر غوپۇرنىڭ ئېغزى ئارقىلىق، قەشقەرنى خىتاينىڭ غەربىي چېگراسىدىكى زامانىۋى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى، بۇ ئارقىلىق قەشقەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پەرقسىز ھالدىكى چوڭ شەھەرگە ئايلاندۇرۇپ، بۇ زېمىنغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدىكى ئاز سانلىق ئاھالىگە ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.