4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسى تۈركىيە ۋە ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.05
2008.08.05
ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ.
RFA Photo
بۇ پروگراممىمىزدا تۈرك ۋە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلىرىدە ئورۇن ئالغان خەۋەر ۋە ئانالىزلارغا ئورۇن بېرىمىز:
فارۇق سابچى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "خىتايلارنىڭ مەھەللىسىدە بىرمۇ ساقچى كۆرمىدىم. ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ساقچى قايناپ كەتكەن. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار بىر سىنىپتا ئوقۇسىمۇ بىر - بىرىگە سالام بەرمەيدىكەن. 16 ياشتا بىر ئۇيغۇر قىزى ماڭا "خىتايلاردىن نەپرەت قىلىمەن" دېدى.
تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن رادىكال، جۇمھۇرىيەت گېزىتلىرىدىمۇ 4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى.
ئەلجەزىرە مۇخبىرى ئانالىزىدا "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نىڭ ئۆز تەرتىپىنى ئوڭشاش ۋە، كادىرلىرىنى تەرتىپكە سېلىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئىززەت شەھرۇرنىڭ يۇقىرىدىكى خەۋىرىگە يېزىلغان ئىنكاسلار ئارىسىدا ھۇدا مۇھەممەد تەيسىر ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئىنكاسى ئەلجەزىرە تور بېتى زىيارەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھۇدا خانىم مۇنداق يازىدۇ: "خىتاي خەلقى بىر ئاز شەكلى ئۆزگەرگەن 'ياخشىچاقلىق' خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇلار بىزنى مەسخىرە قىلىدۇ، تىللايدۇ، بىزنىڭ بېيجىڭدىن يىراق بىر شەھەردە يەنى، گۇاڭجۇدا بولىشىمىزغا قارىماي ھەر دائىم، ھەر قانداق بىر سودا سارىيىنىڭ ئالدىغا بارغىنىمىزدا پاسپورتلىرىمىزنى تەكشۈرىدۇ. قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇش نەتىجىسىدە نۇرغۇن دوستلىرىمىزنىڭ ئىقامەتلىرى بىكار قىلىندى، نۇرغۇن تىجارەتچىلەرنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەندى..."
سەبرىي ئەنۋەر ئىسىملىك بىر زىيارەتچى مۇنداق يازىدۇ: " گۇاڭجۇدا ياشايدىغان ئەرەبلەر يەر تەۋرەش مەزگىلىدە خىتايلارغا مەيلى قان بېرىش، مەيلى ماددىي جەھەتتىن بولسۇن، باشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغان كىشىلەر بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارغا خىتاي ساقچىلىرى داۋاملىق تۈردە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ تۇردى...."
تۈركىيە ھۆرىيەت گېزىتى:
بۇ خەۋەرگە تۈركىيىنىڭ پۈتۈن تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلىرى خەۋەر ۋە تەھلىل شەكلىدە يەر بەردى. تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىدە "قەشقەردە ئولىمپىيات بومبىلىرىدا 16 كىشى ئۆلگەن" تېمىدا خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ماقالىنى مەخپىي ھالدا ساياھەتچى سۈپىتىدە ئۇرۇمچى، قەشقەر، غۇلجىلارنى ئايلىنىپ كەلگەن ژۇرنالىست فارۇق سابچى يازغان. ئۇ ماقالىسىدە قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەنى بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئاڭلاتقانلىرىنى مۇنداق دەپ يازغان: "ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەممىسى ماڭا شۇنى ئاڭلاتتى. 'بۇ يەر بىزنىڭ زېمىنىمىز. خىتايلار كېلىپ بېسىۋالغان. بىزمۇ سىزگە ئوخشاش تۈركىي مىللەت بولغاچقا خىتايلار بىزدىن بەك قورقۇدۇ ۋە بىزنى باستۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ. كىچىككىنە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قويساق قانلىق باستۇرىدۇ. بىزنى ئۆلتۈرسە تېررورچىنى ئۆلتۈردۇق دەپ خۇش بولۇپ بىزگە بۆھتان چاپلايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى تىبەت بىلەن ئوخشاش.' "فارۇق سابچى ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "خىتايلارنىڭ مەھەللىسىدە بىرمۇ ساقچى كۆرمىدىم. ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ساقچى قايناپ كەتكەن. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار بىر سىنىپتا ئوقۇسىمۇ بىر - بىرىگە سالام بەرمەيدىكەن. 16 ياشتا بىر ئۇيغۇر قىزى ماڭا "خىتايلاردىن نەپرەت قىلىمەن" دېدى.
تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن رادىكال، جۇمھۇرىيەت گېزىتلىرىدىمۇ 4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى.
ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى:
ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك تېلېۋىزىيىلىرىدىن بىرى بولغان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئىززەت شەھرۇر شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى مەنبە قىلغان ئانالىزىدا مۇنداق دەيدۇ: "... ۋەقەدە 16 ساقچى ئۆلدى ۋە 16 ساقچى يارىدار بولدى، ئۆلۈم سانىنىڭ ئېشىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نامىدىكى بىر تەشكىلات ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسىدا پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى".ئەلجەزىرە مۇخبىرى ئانالىزىدا "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نىڭ ئۆز تەرتىپىنى ئوڭشاش ۋە، كادىرلىرىنى تەرتىپكە سېلىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.