خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە 9 ئۇيغۇرنى تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي زاتلار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىشنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىشكە باشلىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.06.07
qeshqer-saqchi-ismina-almishish قەشقەردىكى بىر مەھەللىدە ساقچىلار ئىسمېنا ئالماشتۇرماقتا. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
Muxbir Qiao Long

يېقىندا قەشقەردە يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار دىنىي ۋە سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي، دىنىي زاتلىرىنى قانۇندىن ھالقىپ جازالاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرى قەشقەردىكى سوت ھەققىدە توختىتىلىشنى رەت قىلدى.

31‏- ماي كۈنى، قەشقەر شەھىرى ۋە قەشقەرگە قاراشلىق قاغىلىق، توققۇزاق قاتارلىق ناھىيىلەردە سوت ئېچىلىپ، 9 نەپەر ئۇيغۇر كىشىنى بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئەسەبىي دىنىي ئىدىيىلەرنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ھەر خىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ 31‏-ماي توققۇزاق ناھىيىسى، قەشقەر شەھىرى ۋە قاغىلىق ناھىيىسىدە ئوخشاش بىر كۈندە ئېچىلغان ھۆكۈم ئېلان قىلىش سوتىدا، سادىق قۇربان قاتارلىق 9 ئۇيغۇر يۇقىرىقى «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئەڭ يۇقىرىسىنى 15 يىللىق، ئەڭ تۆۋىنىنى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قەشقەردە ئېچىلغان سوتنىڭ ھېچقانداق ئەدلىيە قائىدە تەرتىپلىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقى، سوتنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي ئېھتىياجغا ماسلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكىنى بازا قىلغان «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى ئەپەندى پەيشەنبە كۈنى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەشقەردىكى سوت ھەققىدە توختىلىپ، كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلاپ جازالىشىغا ئىزچىل گۇمان بىلەن قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ جازالىشىغا ئىزچىل گۇمان بىلەن قاراپ كەلدۇق. چۈنكى بۇنىڭدا ھېقىقى ئەھۋال كىشىلەرگە مەلۇم ئەمەس شۇنداقلا مۇۋاپىق قانۇن تەرتىپكە رىئايە قىلىنمىغان. بىز ھەر يىلى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالىنىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئېتىپ تاشلىنىۋاتقانلىقىغا جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىپ، قاتتىق جازالاۋاتىدۇ. بۇ چوقۇم بىزنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك،» دەپ كۆرسەتتى.

توققۇزاق ناھىيىسىدىكى سوتتا، سادىق قۇربان دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق، ئابلىكىم قۇربان بىلەن ئابدۇللا شېرىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان. قەشقەر شەھىرىدىكى سوتتا، سابىر روزى دىنىي كۇرس ئېچىش، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىق، ئەبەيدۇللا مەمەت ئۇزۇن مەزگىل قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرى سودىسى قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قاغىلىق ناھىيىسىدىكى سوتتا، سۇلايمان خەلىم، ھەسەن ھەزرەت، نىجات ئوسمان جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئايرىم-ئايرىم 7 يىللىق ۋە 6 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.

ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى خەلقئارا كۆچمەنلىرى ئىشلىرى قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئابلاجان لەيلى نامان ئەپەندى يۇقىرىقى ئۇيغۇرلارنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى قانۇن ئاساسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى خىتاي قانۇنلىرىدا جىنايەت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىياسەت ۋە ھەر خىل نىزاملار ئارقىلىق باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر شەھىرى، توققۇزاق ۋە قاغىلىق ناھىيىلىرىدىكى سوت خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كورلىدا 12 ياشلىق بىر تالىپ بالىنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش، خوتەندە بىر دىنىي مەكتەپنىڭ نۇرغۇن ئۆسمۈر بالىلىرىنى يارىلاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان مەزگىلدە ئېچىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ۋە ھادىسىلەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەزى دېموكراتىك خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دوكتور ياڭ جيەنلى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو پۇقرالار كۈچى ھەرىكىتى تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن جىددىي ساراسىمغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ياڭ جيەنلى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن دىنىي پائالىيەتلەرنى ئوخشاش، دەپ قاراپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قانۇن بىلەن ئىش كۆرۈشكە چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىقنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇ قانۇنغا خىلاپ، دەپ قارىغان ۋەقە يۈز بەرسە، قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشى لازىم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ھەرقانداق مەسىلە يۈز بەرسە، قانۇن بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىشى لازىم. مەسىلەن، دىنىي مەكتەپ ۋەقەسىدە، سەن خەلقئارا جەمئىيەتكە پاكىت كۆرسىتىشىڭ كېرەك. ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەي قوراللىق ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسا، بۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ.»

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تارقاتقان يازما ئۇچۇرىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، قەشقەر قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيىلەردىكى سوتتا جاۋابكارلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ۋە ئاتالمىش جىنايىتىنى رەت قىلىش ھوقۇقى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان. خەلقئارا كۆچمەن ئىشلىرى قانۇن مۇلازىمەت ئورنىدىكى ئابلاجان لەيلى نامان ئەپەندى، خىتايدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە مەسىلىلەرنىڭ قانۇن بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنى سىياسەتنىڭ كونترول قىلىۋالغانلىقى ۋە ئەدلىيە مۇستەقىللىقىنىڭ يوقلۇقى، دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا ئەدلىيە مۇستەقىللىق بىر گەۋدە بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن چوقۇم ئاخبارات ئەركىنلىكى يولغا قويۇلۇشى ۋە نازارەتچىلىك رولىنى ئوينىشى كېرەك.

قەشقەردە 9 ئۇيغۇر سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەردىن سوتلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ۋاقىت، بېيجىڭدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلغان ئوخشاش بىر كۈنگە توغرا كەلگەن ئىدى. يىغىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ مەزكۇر ئورگانغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى مەدھىيىلىگەن. «ئۈچ خىل كۈچلەر» بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى تەرىپلەيدىغان مەخسۇس تېرمىندۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.