ماقالىدە، قەدىمىي قەشقەرنىڭ بۇ خام كېسەك ئۆيلىرىگە يانداشقان مەدەنىيەت يىلتىزىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالە، مۇنداق باشلىنىدۇ: " نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر دۇكاندارلار بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ كوچا ياقىلىرىدا نان ۋە ئوتۇنلارنى، ئاتا بوۋىلىرى ئالتۇن تەڭگىلەرگە سېتىۋېلىپ ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد قالدۇرغان بۇ خام كېسەك ئۆي ئىگىلىرىگە سېتىپ سودا قىلىپ كەلگەن ئىدى."
ماقالىدە، ئەمدىلىكتە بۇ " سىرلىق قەسىرسىمان ھويلا - ئارام، كوچا - كويلار" نىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قالاق ۋە ياكى خەتەرلىك دەپ قارىلىپ " ھايات يولىنى" تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتچىسى جەمئىيەتشۇناس مېھراي ئابدۇلىم خانىممۇ ئوخشاش قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق سىياسەتنى قوللىنىشىدىكى يوشۇرۇن سەۋەب قانداقتۇر ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولماستىن، بەلكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن قورقىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا بۇنداق رايونلاردىكى نوپۇسنى تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مېھراي خانىم ئەسلى ئۈرۈمچىگە جايلاشقان پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى ۋە فولكلور تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكىدا شۇ ساھە بويىچە تەتقىقاتىنى داۋام ئەتمەكتە. دەرۋەقە مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر شەھەر ئىچى نوپۇسى 220 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ 42 پىرسەنتى قەشقەرنىڭ كونا شەھەر رايونىدا ياشايدىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر كونا شەھەر رايوندىكى بۇ ئۆيلەرنىڭ بىرى قىسىملىرى چېقىلغان، يەنە بىر قىسىملىرىغا " چېقىلىدۇ" دېگەن بەلگىلەر سېلىنغان، نەتىجىدە بۇ خىل سىياسەت كىشىلەردە نارازىلىق، ئېچىنىش ۋە غەزەپلىنىشى تۇيغۇلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ماقالە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن، ئۇيغۇرلارنى خىزمەت پۇرسىتى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش، قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش قاتارلىق نامۇۋاپىق سىياسەتلىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئىخچام تىللار بىلەن ئەسلىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، قەشقەردىكى ئۆي چېقىش ھەرىكىتىنىڭ شۇ خىلدىكى ئەڭ يېڭى سىياسەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىدە 48 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر ئايال: " ئۇلار بىزنى خىتايلاردەك ياشاشقا مەجبۇرلىماقچى، ئەمما بىز قەتئىي قوشۇلمايمىز" دېگەن. بۇ ئايال يەنە ھۆكۈمەت تەمىنلەيدىغان ئۆيلەردە ھويلا - ئارام ۋە كۈن نۇرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن " بۇ بىزنىڭ زېمىنىمىز. بىز بۇنى ھۆكۈمەتتىن سېتىۋالمىغان. ئۇلار باشتا كەپ باقسۇن، گەپنى شۇ چاغدا دېيىشىمىز."
ماقالىدە قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە يەنە، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقايسىسى كۆچۈشكە رازى ئەمەس ئىكەن.
فولكلور تەتقىقاتچىسى مېھراي خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ خىلدىكى ئۆي چېقىش، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى كۆچۈرۈپ تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى غۇلجا، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ سىناق قىلىپ نەتىجە قازانغاندىن كېيىن، كېيىنكى ھەرىكەت نىشانى قەشقەرگە قاراتقان.
يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن ماقالە ئاپتورى ئىلگىرى قەشقەردە ئۇيغۇر تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى تەتقىق قىلغان بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە ئىنستىتۇتنىڭ پروفېسسورى ۋۇ دىيەنتىڭنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ۋۇ دىيەنتىڭ قەشقەردىكى بۇ ئۆيلەرنىڭ بەكمۇ ئىلمىيلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۆيلەرنىڭ يازدا سالقىن، قىشقا ئىسسىق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھەمدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئاسراشقىمۇ بەك باب كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەھۋال شۇنداق ئىكەن خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇ قۇرۇلۇشلارنى "قالاق، خەتەرلىك" دېگەن ناملار بىلەن چىقماقچى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە فولكلور تەتقىقاتچىسى مېھراي خانىمنىڭ قاراشلىرى ئۆزگىچە.
مېھراي خانىم يەنە قەشقەر قەدىمى شەھەر رايونىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئېڭىنى تېخىمۇ بېيىتىپ تۇرىدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىسا، خىتاي پروفېسسور ۋۇ دىيەنتىڭمۇ قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ ھازىر ئېشىپ قالغان ھەققى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ۋۇ دىيەنتىڭ يەنە بۇ كونا شەھەر رايونىنىڭ ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئۆزگەرتمىگەن ھالدا ئۇنىڭدىكى قويۇق ئەسلى پۇراقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە بۇ ئىمارەتلەر چېقىلغاندىن كېيىنكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ: " بۇ يەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاشۇ خام كېسەك ئۆيلەرگە سىڭىپ كەتكەن. ئەگەر بۇ ئىمارەتلەر چېقىۋېتىلسە بۇلارغا باغلانغان ئاشۇ مەدەنىيەتمۇ خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.
مېھراي خانىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمۇ تامامەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ بۇ ئۆيلەرنىڭ چېقىلىشىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت يىلتىزىغا ئۇرۇلغان پىچاق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.