قەشقەردىكى بىر خىتاي ئايال: ئۆيىمىزگە مۆكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، تالاغىمۇ چىقالمايۋاتىمىز

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە قەشقەردىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ھەقىقىي يۈز بېرىش سەۋەبلىرىنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىنلا يوشۇرۇپ قالماي، پۇقرالاردىن ھەتتا ساقچىلاردىنمۇ يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

0:00 / 0:00

قەشقەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلمەكتە. 30 ۋە 31-ئىيۇل يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ، بۇ قەدىمىي دىيارنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەمدە خەلقنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى ياشاۋاتقان پۇقرالارغا تېلېفون قىلدۇق.

يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ، قەشقەردىكى ۋەقەنىڭ زادى قانداق ۋەقە ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋىرى يوق بولۇپ، ئۇ بىزگە «قەشقەردە بۇلاڭچىلىق يۈز بېرىپتىكەن دائىرىلەر شەھەرنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىغا توسۇق قۇرۇپ ئادەم كىرگۈزمەيۋاتىدۇ» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە قەشقەردىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ھەقىقىي يۈز بېرىش سەۋەبلىرىنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىنلا يوشۇرۇپ قالماي، پۇقرالاردىن ھەتتا ساقچىلاردىنمۇ يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئىكەن. بۇ ياقىيار ساقچىخانىسىدىكى ئۇيغۇر ساقچىسىنىڭ جاۋابلىرىدىن مەلۇم. ئۇيغۇر ساقچى بولسا «قەشقەردە تېررورچىلار قاتىللىق ۋەقەسى تۇغدۇرغان ئىكەن، ھۆكۈمەت شەھەرنى قامال قىلىپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.

رامزان كىرىشىگە توغرا كەلگەن ۋەقەلەرنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئىسلامى رادىكاللىق» بىلەن باغلاشقا ۋە «تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ ئەيىبلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ قەشقەردىكى مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ، رامزانلىق دىنىي پائالىيەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ھېيتگاھ مەسچىتىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا مەسچىت ئىمامى 21 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 40تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك ۋەقەگە «ئالغۇچىلىقى يوق بىر ئىشلار» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

ئۆزىنى «قەشقەرگە يەرلىك» دەپ تونۇشتۇرغان بىر خىتاي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ۋە باشقا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئوخشاشلا قاتتىق ئەندىشە ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئۆيىدىن تالاغا چىقالماس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
-مەن قەشقەرگە يەرلىك سىز كىم بولىسىز؟
‏-مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى. قەشقەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى قانداق بىخەتەرمۇ؟
‏-قانداق بىخەتەر بولسۇن، بىز ئازراقمۇ خاتىرجەم ئەمەس. ئۇلار بىز خەنزۇلارنى ئۆلتۈرۈۋاتسا، ھەر زامان ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپى بار، ئۇلار پەقەت بىزنىلا ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ.
-ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى پەقەت خەنزۇلارغىلا قارىتىلغانمۇ نېمىشقا سىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ؟
‏-ئىشقىلىپ ئۇلار پەقەت خەنزۇلارنىلا ئۆلتۈرىدۇ، بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈپ باقمىدى. ئادەتتە بىز ئۇلار بىلەن ئېيتىشمايمىز، لېكىن ئۇلار ئاشۇنداق خەنزۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئامراق، ئۇلار ئاشۇنداق مىللەت ئەمەسمۇ. ئىشقىلىپ بىز بۇ يەردە ھەر كۈنى ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتىمىز.
‏-ئۆزۈڭلارنى بىخەتەر ھېس قىلمىساڭلار يەنە نېمىشقا ئۇ يەردە ياشايسىلەر؟
-بىز بۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، بۇ يەردىن كېتىپ نەگە بارىمىز؟
-ئۇنداقتا سىلەر خەنزۇلارنىڭ قانداق تەييارلىقلىرىڭلار بار؟
‏-بىزنىڭ ھېچنېمىگە تەييارلىقىمىز يوق، ھەتتا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» بولغاندىن بۇيان ئىككى يىل بوپتۇ مانا بىر كۈنمۇ خاتىرجەم ئەمەس. ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىغىمۇ كاپالەت يوقلۇقىنى بىلدۇق. ئۆيىمىزگە مۆكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، تالاغىمۇ چىقالمايۋاتىمىز. مانا بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىدارىدىن ئۈچ كۈن قويۇۋەتتى تالاغىمۇ چىقماي ئولتۇرۇۋاتىمىز.
-ئەتراپىڭلاردىكى قوشنىلىرىڭلارمۇ ئوخشاشمۇ؟
‏-ئۇلارمۇ ئەلۋەتتە ئوخشاش ۋەھىمە ئىچىدە، لېكىن بۇنداق ۋەقەلەردە ئۇلار پەقەت خەنزۇلارنىلا ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ باقمىدى، ئۇلار تۇيۇقسىزلا ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇ قېتىممۇ كۈپكۈندۈزدە چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا كېلىپ ئۆلتۈردى، ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ-دە. كىمنى كۆرسە شۇنى ئۆلتۈردى، 30 چېسلا 7 نى 31-چېسلا يەنە ئالتىنى ئۆلتۈردى، بۇ ئىشلارغا ئامال يوق ئوخشايدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي كۆچمەنلىرى ھېچ بولمىسا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە نارازىلىقى شۇنىڭدەك ۋەھىمىدە قالغانلىقىدەك ھېسسىياتلىرىنى ئىپادە قىلالىدى، بىراق بۇ يۇرتنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى ئۇلارنىڭ كۆچمەنلەردىنمۇ ئېغىر بېسىم ۋە ۋەھىمىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسە كېرەك.