مارالبېشىلىق 50 دىن ئارتۇق دېھقان قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىدە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باج ۋە سېلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە تۈگىمەيۋاتقانلىقىغا نارازى بولغان مارالبېشى ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار ئالدىنقى ھەپتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسىگە بېرىپ، مەھكىمە قورۇسىدا توپلىشىپ ئولتۇرۇۋېلىش شەكلىدە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.10.22
dixan-awazi-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﮕﻪ ﺑﺎﺝ ﯞﻩ ﺳﯧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

نارازىلىق ھەرىكىتىگە 50 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان ۋە ھەرىكەت ئارقا-ئارقىدىن 2 كۈن داۋام قىلغان. ئاخىرى مارالبېشى ناھىيىسىدىكى دائىرىلەر ۋالىي مەھكىمىسىگە كېلىپ، دېھقانلارغا مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى ئالداپ ئېلىپ كەتكەن.

مارالبېشى ناھىيىسى 2000 ‏- يىلى، دېھقانلارنىڭ قولىدىكى بىر قىسىم يەرلەرنى تاۋار يەر دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھادا يەر ھەققى ئېلىشقا باشلىغان. دېھقانلار تاۋار يەرلەرگە ھەر يىلى، 400 يۈەندىن يەر ھەققى، 100 يۈەندىن سۇ ھەققى ۋە يەنە باشقا سېلىقلارنى تاپشۇرۇپ، بۇ يەرلەردىن ھېچقانداق پايدا ئالالمىغان.

دېھقانلار كۆپ قېتىم تەكلىپ سۇنۇپ، تاۋار يەرلەرگە ئېلىنىدىغان يەر ھەققىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىنمىغان. ئاخىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بىر تۈركۈم دېھقانلار قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىگە بېرىپ، مەھكىمە قورۇسىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىش شەكلىدە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

دۈشەنبە كۈنىگە كەلگەندە مارالبېشى ناھىيىسىدىكى دائىرىلەر، ۋالىي مەھكىمىسىگە كېلىپ، دېھقانلارغا مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئائىت ۋەدىلەرنى بېرىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتكەن.

يۇقىرىقى دېھقاننىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، قەشقەردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كوللىكتىپ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىدا بۇ يىل ئۆزگىرىش بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە، ئەمما مەسىلىنى ھەل قىلىشتا دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مەلۇم بولغۇسى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.