قەشقەردە 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق - خانلىق مەدرىسى چېقىۋېتىلدى

1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەشقەر خانلىق مەدرىسى، ئۇيغۇر شۇنداقلا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىق ئورنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى بولسىمۇ، ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ تۈزەش پىلانىدا، چېقىلىۋاتقان قەدىمىي ئۆيلەرگە ئوخشاشلا چېقىپ تاشلاندى.

0:00 / 0:00

خانلىق مەدرىس جايلاشقان ياۋاغ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، مەدەنىي يادىگارلىقلارنى قوغداش ئورۇنلىرى ھەتتا مەدرىس چېقىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قالغان ياغاچ ‏ - تاشلىرىغىمۇ ئىگە بولالمىغان.

تارىخ توپىغا ئايلاندى

قەشقەر دىيارىنىڭ ياۋاغ رايونىغا جايلاشقان قەشقەر خانلىق مەدرىسى بىناسىOpens in new window ]

سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تەخمىنەن مىلادى 1625 - يىللىرى بەرپا قىلىنغان، قەشقەردە ھازىرغا قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان ئىسلام مېمارچىلىقىنىڭ نامايەندىسى. 1966 - يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مەزكۇر مەدرىس تارىختا بىر قېتىم چوڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ چېقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىر قانچە ئېغىز خانىسى ساق قالغان، شۇنداقلا مەدرىسنىڭ ئورنىنىڭ بىر قىسمى قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپكە، يەنە بىر قىسمىنى قەشقەر شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەن. مەدرىسنىڭ ھازىرقى ئورنى قەشقەر شەھەرلىك ياۋاغ رايونىدا، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق ‏ - سوغۇق ئۆتكەن بۇ قەدىمىي ئىمارەتنىڭ ساق قالغان خانىلىرى پەقەت 1996 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى دېگەن نام بېرىلگەندىن كېيىن قوغدىلىشقا باشلىغان.

ئەپسۇس خەۋەردار بولغىنىمىزدەك، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدۇ دەپ قانۇنلۇق بېرىلگەن ناممۇ، بۇ بۈيۈك تارىخقا ئىگە مەدرىسنىڭ قالغان ياغاچ ‏ - كېسەكلىرىنىمۇ ساقلاپ قالالمىدى، تارىخ بېتىدىن تەلتۈكۈس ئۆچۈرۈلدى، 1300يىللىق تارىخ چېقىپ تاشلاندى.

مەزكۇر مەدرىسنىڭ چېقىلىش جەريانىنى كۆرگەن ياۋاغدا ئولتۇرۇشلۇق بىر مويسىپىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەر خەلقىنىڭ مەزكۇر مەدرىسنىڭ چېقىلىشىدىن ئىچى سېرىلغان بولسىمۇ، زۇۋان سۈرۈشكىمۇ ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ پەقەتلا تاش، ياغاچ، توپا دۆۋىسىمۇ؟

بوۋاينىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، مەزكۇر مەدرىسنىڭ تاملىرى گەرچە خام كېسەكتىن قوپۇرۇلغان بولسىمۇ، ئىنتايىن قېلىن ھەم مۇستەھكەم بولۇپ،سىرتقى تاملىرىنىڭ قېلىنلىقى 90 سانتىمېتىردىن ئاشىدىكەن. چىقىشقا مەسئۇل دائىرىلەر بۇ مەدرىسنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەن شەنبە يەنى 13 - ئىيۇندىن باشلاپ تۆت كۈن ھەپىلەشكەن.

ئاسارە ‏ - ئەتىقە قالدۇقلىرىغىمۇ....

نۆۋەتتە مەدرىس ئاساسەن چېقىلىپ بولغان بولۇپ، مەدرىس چېقىلغاندا مەدرىسنىڭ قالغان دېرىزە، ئىشىك، ياغاچ تاشلىرىمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ياكى مۇزېيغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا ساقچىلارنى مەسئۇل قىلىپ قويۇشى كىشىلەرنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان ھەم ئەندىشىگە سالماقتا.

ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن

مەزكۇر مەدرىسە، قۇرۇلغان قاراخانىلار دەۋىرلەردىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، پەيلاسوپ، شائىرلار ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيا،ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە داڭقى كەتكەن ئىلىم يۇرتى بولغان. مەزكۇر مەدرىسە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئالەمشۇمۇل ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئالىم، ئۆلىمالىرىغا بىلىم بەرگەن مەدرىسە ئىدى.

مەزكۇر مەدرىسنىڭ چېقىلىشىدىن قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىي يادىگارلىقلارنى قوغداش ئىدارىسى ۋە مۇزېينىڭ خەۋىرى بار ‏ - يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆردۇق.

ئاخبارات ئورگانلىرىغا تەھدىت

بىز مەدرىس خارابىلىققا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن قالدۇق ياغاچ ‏ - تاشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياۋاغ ساقچىخانىنىڭ مەسئۇل قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ياۋاغ ساقچىخانا بىلەن ئالاقىلاشتۇق، ئەجەبلىنەرلىكى، بىر ئۇيغۇر ساقچى تېخى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەي تۇرۇپلا بىزنىڭ بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرمەسلىكىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشقا ھەم تەھدىت ئىشلىتىشكە ئۇرۇندى.

قەشقەردە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان قەشقەر قەدىمىي رەستىلىرىنى چېقىپ تۈزەش غالجىرلارچە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆز يېشى، ھەتتا خەلقئارالىق تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ چاقىرىقلىرىمۇ خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئىزىنى، مەدەنىيىتى يوق قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ئاجىزلىق قىلماقتا.