قەشقەرنى 'ئىككىنچى شېنجېن' قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلەمدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى چاقىرغان "شىنجاڭ خىزمىتى" يىغىنىدا قەشقەرنى "ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون" قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قارار قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ مەزمۇنى ئاشكارىلاندى. پىلان بويىچە قەشقەر كۆلىمى 100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان، نوپۇسى نەچچە مىليوندىن ئارتۇق بولغان "چوڭ قەشقەر شەھىرى" قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.globalpost.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ" ئىقتىسادى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش" دەيدىغان شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭدا ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ئاساسلىق مەبلەغ سېلىپ، قەشقەرنى " ئىككىنچى شېنجېن" قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلان قىلىندى.

بۈگۈن جۇڭگو خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە "ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون" قۇرۇپ چىقىش پىلانىنىڭ مەزمۇنلىرىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، "قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون" قۇرۇلۇش پىلانىغا ئاساسەن يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلار "باج كەچۈرۈم قىلىش ياكى باجنى تۆۋەنلىتىپ بېرىش" دەيدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولىدىكەن. سېمونت، پولات - تۆمۈر، كان بايلىقلىرى قاتارلىق ساھەلەرنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىشقا شارائىت ھازىرلاپ، قۇرۇلۇش يەرلىرىنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلىدىكەن.

خەۋەرنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان نۇقتىسى بولسا، قەشقەردە كۆلىمى 8 يېرىم كۋادرات كىلومېتىردىن، نوپۇسى نەچچە مىليوندىن ئاشىدىغان "كاتتا قەشقەر شەھىرى" قۇرۇپ چىقىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى كەلگۈسىدە 100 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، قەشقەردە ھەر قايسى تۈرلەر بويىچە 9 بازا بەلگىلەپ چىقىلغان بولۇپ، بۇلار توقۇمىچىلىق بازىسى، كانچىلىق بازىسى، نېفىت خىمىيە بازىسى، مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىش تەمىنلەش بازىسى قاتارلىق بازىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئارقىلىق قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ۋە پىلانغا ئاساسەن قەشقەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغىنىمىزدا تېلېفونغا چىققان بىر ئۇيغۇر قىزى بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

تېلېفونىمىزغا چىققان بۇ ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ ۋە ئاكىسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالمىغانلىقىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خىزمەتتىن پېنسىيىگە چىققان دادىسىنىڭ مائاشىغىلا قاراشلىق بوپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ بايان قىلىپ بەرگەنلىرىدىن قەشقەرنى ئېچىش پىلانىغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەسلىكى ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشسىزلىق ۋە مال باھاسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.

بىز يەنە، خىتاينىڭ قەشقەردە "ئىقتسادىي ئالاھىدە رايون" قۇرۇپ چىقىش پىلانىغا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئېلىپ بېقىش ئۈچۈن تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىغا ئاز قالغاندا قەشقەرنى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، 20 يىلدىن بېرى دەپ كېلىنىۋاتقان " غەربىي شىمالنى ئېچىش پىلانى" نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ 5 - ئىيۇلدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قەيت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان قەشقەرنى "ئىككىنچى شېنجېن قىلىش" پىلانىنىڭ بۇلاردىن پەرقلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، قەشقەردە يولغا قويۇلماقچى بولغان پىلاننىڭ تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارغا زور پالاكەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت