قۇرمانبېك باقىيېف بۇ ھەپتە، ئەگەر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۆزى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك بەرسە، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر شەخسى مال - مۈلكلىرى مۇسادىرە قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
گەرچە بېشكەكتىكى جىددىي ۋەزىيەت تىنجىغان بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا مۈرەككەپ ھالدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ ئارىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى جالالئاباتتىكى خەلق بىلەن ئۇچرىشىپ يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
روزا ئوتانبايېۋا بۈگۈن، باقېيىفنى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن مەھرۇم قالغىنىغا تەن بېرىشكە چاقىرىپ، بۇنىڭ مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
قىرغىزىستاندىكى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رامىزان دىرىلدايېف ئەپەندى، ئەينى ۋاقىتتا قىرغىزىستان سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ، ئاۋىستىرىيىدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان، ئۇ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپى بىلەن قايتىپ كېلىپ، قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەتكە ئۆتكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رامىزان دىرىلدايېف ئەپەندى قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا خىزمەت تەكلىپى سۇنغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
رامىزان ئەپەندى يەنە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ 6 ئاي ئىچىدە سايلام ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىزنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرغان ياكى قۇرمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.
دىرىلدايېف ئەپەندى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە ياۋرۇپا، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
رامىزان دىرلدايېف ئەپەندى يەنە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ، قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشىدا ئۆلگەن قىرغىزىستانلىقلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا بەرگەن ياردىمىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئۆز ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتى كەلدى" دېدى.
قىرغىزىستاندىكى سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارىدا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسى مەھبۈسلىرى مەسىلىسىىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۈس قىلغان دىرىلدايېف ئەپەندى يەنە، بۇ مەسىلىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ دەرھال ئادۋوكاتلار بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.