بىر ئۇيغۇر زىيالىسى قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، بۈگۈن 12 - ئاپرېل كۈنى قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدە نىسپىي تىنچلىق ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن ئازات قاسىم ئىسىملىك ئۇيغۇر زىيالىسى ئىستانسىمىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزى تۇرۇشلۇق بىشكەك شەھىرىدە تىنچلىقنىڭ ئاساسەن ئەسلىگە كېلىپ، ۋەزىيەتنىڭ ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى نورمال ھالەتكە يېقىنلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-04-12
Share
Bishkek-kochisini-tazilash-7-aprel-qozghilingidin-keyin-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻛﯜﻧﻰ، ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
AFP Photo

ئازات قاسىم ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇيغۇرلار ئاچقان بازارلارنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن دۇكانلار ئېچىلىپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ نورمال تىجارىتىنى باشلىغانلىقىنى، بىر قىسىم تۈركلەرنىڭمۇ دۇكانلىرىنى ئېچىپ تىجارىتىنى باشلىغانلىقىنى، ئەمما خىتايلار ئاچقان دۇكانلار تېخى تىجارىتىنى باشلىمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئازات قاسىم ئەپەندى يەنە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن، ئۆزلىكىدىن ئىئانە توپلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ساقچىلارنىڭ 24 سائەت تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى، ئومۇمەن شەھەردە تىنچلىقنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئازات قاسىم بىلەن قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت