قىرغىزىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئالماسبېك ئاتامبايىف يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى

30-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. بۇ قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ھاكىمىيەتنىڭ تۇنجى قېتىم تىنچ شەكىلدە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2011.10.31
almasbek-atambayef-305.jpg ئالماسبېك ئاتامبايەف سايلام مەزگىلىدە بىشكەكتىكى بىر كەنتتە سوز قىلماقتا. 2011-يىلى 27-ئۆكتەبىر.
AFP

مەركىزى سايلام كومىسسىيىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا قارىغاندا، سايلامغا قىرغىزىستاندىكى سايلىغۇچىلارنىڭ 61% ئى قاتناشقان. ھازىرقى باش مىنىستىر، «قىرغىزىستان سوتسىيال-دىموكراتلار پارتىيىسى» نىڭ رەھبىرى ئالماسبېك ئاتامبايىف سايلىغۇچىلارنىڭ 63.19% ئاۋازىغا ئېرىشكەن. «پۈتۈن قىرغىزىستان»پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئاداخان مادىمارۇف ۋە «ئاتا يۇرت» پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى قامچىبېك تاشىيېفلار بولسا ئومۇمى سايلىغۇچىلارنىڭ 14.3% ھەمدە 14.7 % ئاۋازىغا ئېرىشىپ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇنغا چىققان.

بۇ قېتىمقى سايلامدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارادىكى90 دىن ئارتۇق دۆلەت،رايون ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن كەلگەن 800 نەپەر كۆزەتكۈچى سايلامنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە نازارەتچىلىك قىلغان. بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن كۆزەتكۈچىلەر، سايلامنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىمىغان ھالدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، گەرچە 500 دىن ئارتۇق سايلىغۇچىنىڭ تىزىملىكتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى تاپالماسلىق سەۋەبىدىن سايلامغا قاتنىشالماسلىقتەك سەۋەنلىكلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇنداق يېتەرسىزلىكلەرنىڭ سايلامنىڭ ئومۇمى نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى، سايلامنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ھالدا بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئەپسۇسكى، «يېڭىلگەن چىلىشقا تويماپتۇ» دېگەندەك، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا بولۇپ قالغان ئاداخان مادىمارۇف بىلەن قامچىبېك تاشىيېف بۇ قېتىمقى سايلامنى ئىناۋەتسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى، سايلامدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن كۆپلىگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ سادىر بولغانلىقلىرىنى بۈگۈنكى مۇخبىرلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئۇلار مۇستەقىل بىر كومىسسىيە تۈزۈپ سايلام بېلەتلىرىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشنى ھەمدە مەركىزى سايلام كومىسسىيىسىنى تارقىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشتى.

قالغان نامزاتلار بولسا، سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەپ، ئالماسبېك ئاتامبايېفنى تەبرىكلىدى ھەمدە مەملىكەتنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا تەرەققىيات يولىغا چۈشۈشىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەشتى.

بۈگۈن جالالئاباد ئوبلاستىدا قامچىبېك تاشىيېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى كوچىلارغا چىقىپ قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىشتى ھەمدە ئوش-ئۆزگەن يولىنى توسۇپ، ئەگەر ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرى ئورۇندالمىسا نامايىش قىلىپ بىشكەككىچە بارىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئوش شەھىرىدە بولسا سايلامدا تىزىملىكتە ئۆز ئىسىم-فامىلىسى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن سايلامغا قاتنىشالماي قالغان 200 دىن كۆپرەك ئادەم، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كوچىغا چىقىشتى.

ئىچكى خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى گەرچە سايلامدىن كېيىنكى جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ تىنچ تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن بولغان زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، تەھلىلچىلەر نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.