قىرغىزىستان ئوش ئوبلاستىدا ھەربىي ھالەت جاكارلىدى

10 - ئىيۇن كەچ سائەت 11 لەردە قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىنىڭ ئوش شەھىرى ۋە قارا سۇ رايونىدا قىرغىز - ئۆزبېك مىللەتلىرى ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇش ناھايىتى تېزلىكتە ئوش ئوبلاستىنىڭ ئاراۋان، ئۆزگەن رايونلىرىغا كېڭەيدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﺕ
2010.06.11
Qirghizistan-oshta-jiddi-ehwalni-kontirol-qilmaqchi-bolghan-armiye-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﺵ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﺭﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا كام دېگەندە 34 ئادەم ئۆلۈپ، 400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. سەھىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دامىرە خانىمنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىغا قارىغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئوق تېگىپ ئۆلگەنلەر ئىكەن. ئۇ يەنە 40 ئادەمنىڭ ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

نۆۋەتتە، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئوش ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا 20 - ئىيۇنغا قەدەر ھەربىي ھالەت يولغا قويۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەدىن كېيىن، ئوش شەھىرىگە كىرىپ - چىقىدىغان بارلىق يوللار قامال قىلىنىپ، باشقا جايلاردىن ئوش شەھىرىگە كېلىدىغانلارغا چەك قويۇلغان. ئوش ئوبلاستىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان بارلىق قاراۋۇلخانىلىرىدا جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن.

قىرغىزىستان چېگرا قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى چولپانبېك تۇرسۇنبېكۇۋنىڭ "ئازادلىق" رادىئوسىغا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆزبېكىستان تەرەپ چېگرا رايونلارغا ئالاھىدە قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە ئوش شەھىرىدە بۇلاپ - تالانغان ۋە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن سودا سارايلىرى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ۋە شەخسىيلەرنىڭ ئۆيلىرى 100 دىن ئاشقان. ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار توقۇنۇشقان تەرەپلەرنىڭ توسقۇنلۇقلىرى سەۋەبىدىن ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەن.

نۆۋەتتە، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى تىنجىتىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانماقتا. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرى ئۆمۈربېك تېكىبايىۋ، ئەزىمبېك بېكنازارۇۋ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمائىل ئىسخاقۇۋ قاتارلىق رەھبەرلەرنى ئوش ئوبلاستىغا ئەۋەتكەن.

ھازىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تانكا، برونېۋىكلار بىلەن قوراللانغان ئارمىيە ۋە ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى ئوش ئوبلاستىنىڭ ئوش شەھىرى قاتارلىق جايلارغا كىرگۈزۈپ، ئاممىۋى تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا خەتەرلىك ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا كۆپلىگەن يەرلەردىكى ئاھالىنى گاز بىلەن تەمىنلىگۈچى نېفىت - گاز تۇرۇبىلىرى زەخىملەنگەنلىكى سەۋەبىدىن، بۈگۈن ئوش شەھەرلىك گاز بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرى شەھەر ئاھالىسىگە گاز بېرىشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. كوچا خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر يەنە خەلق ئارىسىدا ئىچىملىك سۇغا زەھەر تاشلانغانلىقى ھەققىدىمۇ گەپلەر تارقالغان.

رۇسىيە تەرەپنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئۆمۈربېك تېكىبايىۋ رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ئىقتىدارىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، چەتئەل قوشۇنلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ يەنە بىر مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەزىمبېك بېكنازارۇۋ بولسا بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنى ئۇيۇشتۇرغان ئۆكتىچى كۈچلەرنى ئەيىبلىدى. ئەزىمبېك بېكنازارۇۋ سۆزىدە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ مەقسىتى، 27 - ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ كۈچلەرنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتىنى تاللاپ تۇرۇپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە بۇ توقۇنۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

بۈگۈن قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە 600 ئوشۇق ئادەم پارلامېنت بىناسى ئالدىغا توپلىشىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىن ماشىنا قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنى ئاجرىتىپ ئۆزلىرىنى ئوش شەھىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. كەچ سائەت 9 لار چامىسىدا مىڭغا يېقىن ئادەم دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالدىغا توپلىشىۋېلىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئوش ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەينەن كۆرسىتىشكە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، ئوش ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى مىللىي توقۇنۇشقا قارىتا ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرمەكتە. رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى تاتىيانا خانىم مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. رۇسىيە تەرەپ توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى زىددىيەتلەرنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.