ئەمما يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان خىتايدىكى گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، خېنەن، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى خىتاي شىركەتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى،شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىن ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كېلىپ توپلىنىۋاتقان ئەرزدارلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان.
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىشچىلار، بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن نارازى بولغان پۇقرالارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 22-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھىرى شۇاڭلىيۇ ناھىيىسى رېنباۋ كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ نەچچە مىڭ نەپەر ئىشچىسى مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، چېڭدۇدىكى نامايىش مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلاردىن كېيىنكى1000 دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ كوچىغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 9-ئۆكتەبىر كۈنى خېنەندىكى شىنفېي ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىدە شىركەتنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى ئىش تاشلىغان. نەچچە مىڭلىغان ئىشچى زاۋۇت قورۇسىغا توپلىنىپ نامايىش قىلغان. ئىشچىلار مائاشىنىڭ 10 يىلدىن بۇيان ئۆستۈرۈلمىگەنلىكىنى، ئىشچىلارنىڭ 1000 يۈەن ئەتراپىدىكى تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەر مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بەرمىسە داۋاملىق ئىش تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، شىركەت ھەم ناھىيە باشلىقلىرى ئىشچىلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ قېتىمقى نامايىشتىن كېيىن ئىش تاشلاشقا باشلامچىلىق قىلغانلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە،نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئامال بار كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا نامايىشقا دائىر خەۋەرلەر پەقەت قىسقا ئۇچۇر شەكلىدىلا بېرىلگەن. ھەتتا بۇ خىلدىكى خەۋەرلەر ئىچكى جەھەتتە ئىدارە- ئورگانلارغىلا ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، مەتبۇئاتلاردا ئاشكارا ئېلان قىلىش چەكلەنگەن.
بۈگۈن چېڭدۇدا يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدىمۇ خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قىسقا خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما چېڭدۇ شەھىرى ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى مەلۇمات بەرمىدى. بوشۈن، يېڭى ئىرا قاتارلىق چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور خەۋەرلىرىدە، بۈگۈن ئەتىگەن چېڭدۇدا يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدىكى خەۋەر رەسىملىرى بىلەن ئېلان قىلىندى. بوشۈن تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان نەچچە مىڭ نەپەر ئىشچى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ئىش تاشلىغان. ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىشچىلار ئاۋۋال زاۋۇت قورۇسىدا، ئاندىن كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان. رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن چېڭدۇنىڭ شۇاڭلىيۇ ناھىيىسىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قوراللىق ساقچىلارنى ئەۋەتىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان،نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ناھىيە دائىرىلىرى ناھىيىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، نامايىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تېخىمۇ تولۇق ئۇچۇر ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان.
خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان 18-قۇرۇلتاي 8-نويابىر كۈنى ئېچىلىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، بېيجىڭدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بېيجىڭ دائىرىلىرى تەخمىنەن 20 مىڭ نەپەر قوراللىق ساقچى ئاجرىتىپ بېيجىڭ شەھىرىدە 2-دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. بولۇپمۇ چاڭئەن كوچىسى، بېيجىڭ ۋوگزالى قاتارلىق جايلاردا پۇقرالارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەن. ساقچىلار گۇمانلىق دەپ قارىغان كىشىلەر ۋە ئەرزدارلارنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. ئەمما مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن كەلگەن ئەرزدارلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيگەن.
«4-ئىيۇن تيەنئەنمىن تور بېكىتى» مەسئۇلى خۇاڭ چىنىڭ رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھىرىدە قوراللىق ساقچىلاردىن باشقا يەنە، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەرز ئۈچۈن كەلگەن ئەرزدارلار بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئەرزدارلار ئارىسىغا يەنە ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن 10 نەچچە نەپەر ساقچىمۇ قوشۇلغان.
ئۇ مۇنداق دېدى:
- ھازىر بېيجىڭ بەكلا جىددىيلىشىپ كەتتى، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدا ئادەتتىكى ساقچىلار، ئالاھىدە ساقچىلار، قوراللىق ساقچىلار ھەممىسىلا بار، ساقچى ئاپتوموبىللىرى قاتار تىزىلىپ تۇرىدۇ. ئاجايىپ سۈرلۈك بۇ ۋەزىيەت خۇددى ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئۇرۇش قىلىدىغاندەك ھالەتنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ. ئەمما بېيجىڭغا كېلىپ توپلىنىۋاتقان ئەرزدار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە. ھەرقايسى جايلاردىن بېيجىڭغا توپلىنىۋاتقان ئەرزدارلار ئارىسىدا يەنە ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ئون نەچچە نەپەر ساقچى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازالىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار شۇنداقلا نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا مەركىزى ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ. ئاڭلىشىمچە، بەزى رەھبەرلەر بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئەمما ئۇلار قوبۇل قىلىنامدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنامدۇ، ھازىرچە بۇ مەلۇم ئەمەس.
رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ساقچىلاردىن ئىككى نەپىرى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن خۇاڭ لىڭ ئىسىملىك ساقچى، ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
- بىر سائەتنىڭ ئالدىدا خېبىيدىن كەلگەن 3-دەرىجىلىك ساقچى ئوفىتسېرى تيەنلەن ۋە خېنەنلىك خې زۇخۇا بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، يۇ ئەنمىن ساقچىخانىسىغا ئېلىپ كېتىلدى. 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا بېيجىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ. ھەممىلا يەردە پۇقراچە ساقچىلار بار ئىكەن، ئۇلار ئەرزدارلارنى قوغلاپ يۈرۈپ تۇتقۇن قىلىۋېتىپتۇ.
خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەم بۇ مەزگىلدە خىتايدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ،خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.