ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېتۈك ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇرئان كەرىمنىڭ پارلاق ئىلھامى ۋە يۈكسەك ئىجتىھات بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان زات ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىدىن ئەزىزىي بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆھبەت
سىراجىدىن ئەزىزىي يۈسۈف خاس ھاجىپ توغرۇلۇق يېزىلغان ماتېرىياللار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ھازىرغىچە يۈسۈف خاس ھاجىپ ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر يېزىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن چىققان بۇ ئۇلۇغ ئالىم كەڭ خەلق ئاممىسىغا تولۇق تونۇشتۇرۇلدى. لېكىن ئەپسۇسكى شۇنىڭ بىلەن بىللە كوممۇنىست ئىدىيىسىدىكى بەزى ئاتالمىش يازغۇچىلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ۋە ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل داستانى" قۇتادغۇبىلىك"نى كۆپرەك دەھرىيلىك نۇقتىسىدىن ئىزاھلىدى. ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر "قۇتادغۇ بىلىك"نى ماركسىزمچە تەتقىق قىلىش دېگەن سەپسەتە بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى "ئاتىزىمچى ئىدى" دەپ تەسۋىرلەشتى. بۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش روھى بويىچە يەكۈنلەنمىگەن ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر خىل بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پۈتۈن ھاياتى، " قۇتادغۇ بىلىك" داستانىنىڭ مەزمۇنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان، دىنىي ۋە باشقا تەرەپلەردە تولۇق يېتىشكەن چوڭقۇر ئېتىقادلىق بىر مۇسۇلمان ئالىم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا."
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ شانلىق ئەسىرى
سىراجىدىن ئەزىزىي يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ شانلىق ئەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەخمىنەن 1019 - يىلى قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى ئوردۇ كەنت بالاساغۇندا دۇنياغا كېلىپ، 1085 - يىلى قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ دۇنياغا مەشھۇر شاھ ئەسىرى "قۇتادغۇ بىلىك" "بەخت كەلتۈرگۈچى ئىلىك" دېگەن مەنىدە بولۇپ، ساپ ئۇيغۇر تىلى، قەشقەر تىلى بىلەن يېزىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىم كىتابىنى قاراخانىيلارنىڭ خانى ئەبۇل ھەسەن سۇلايمان بۇغراخانغا تەقدىم قىلغان بولۇپ، خان ئۇنىڭغا مەخسۇس مەسلىھەتچى مەنىسىدىكى خاس ھاجىپلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن. پۈتكۈل داستان 85 باب، 6654 بېيىت، 13 مىڭ 300دىن كۆپرەك مىسرادىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مەسنىۋى( ئىككىلىك شەكىل)، ئارۇز ۋەزنىنىڭ مۇتەقارىب بەھرىدە يېزىلغان. ئۇ ئەرەب ۋە پارىس تىللىرىنى پەقەت ناھايىتى چوڭ بىر زۆرۈرىيەت ئۈچۈنلا قوللانغان بولۇپ، ئەسەرنى پۈتۈنلەي ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىققان. داستان ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقى، پىكرىنىڭ چوڭقۇرلىقى، بايان قىلىش تەرزىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن جاھان مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات - سەنئىتى ساھەسىدە مىسلىسىز كاتتا ئەسەر ھېسابلىنىدۇ."
"قۇتادغۇ بىلىك" تىكى ئەخلاق ئۆلچىمى
سىراجىدىن ئەزىزىي "قۇتادغۇ بىلىك" تىكى ئەخلاق ئۆلچىمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق مىزانلىرى كۆرسىتىلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئىنسان ئەخلاقىنىڭ ئەڭ يۈكسەك نەمۇنىسىنى تىكلەپ ئاللانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسىلىسى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەڭگۈلۈك تېما. يۈسۈپ خاس ھاجىپ "قۇتادغۇ بىلىك"تە قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە قەيت قىلىنغان ئېسىل ئەخلاقىي - پەزىلەتلەرنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن ۋە كىشىلەردىن گۈزەل ئەخلاقىي - پەزىلەتلەرنى يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، ناھايىتى ھېكمەتلىك ھالدا تەرغىبات ئېلىپ بارغان. گۈزەل ئەخلاقلارنى ماختاپ، ناچار ئەخلاقلارنى سۆككەن ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭ يامانلىقلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان. دېمەك يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەخلاق ئۆلچىمىدە قۇرئان كەرىمنىڭ يولىنى تۇتقان ۋە ئۇنى ئىنتايىن ئېسىل بىر ئۇسلۇبتا شەرھىلىگەن.
سىراجىدىن ئەزىزىينىڭ ئېيتىشىچە، "قۇتادغۇ بىلىك" تە ئىنسانغا كېرەك بولغان پۈتۈن بىلىملەر يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئەسىرلەردىن بىرى ھەر مىللەت تەتقىقاتچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان ۋە تۈركچە، ئەرەبچە ھەم باشقا تىللارغا قىزىقارلىق بىلەن تەرجىمە قىلىنغان."