رابىيە قادىر خانىمنىڭ شىۋىتسارىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى داۋاملاشماقتا

شىۋىتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەندەلى ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 23 ‏- نويابىر كۈنى، شىۋىتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرېندە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ﻣﯘﺟﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.11.23
rabiye-xanim-amistirdam-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ
Photo: RFA

يېقىندا شىۋىتسارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا "ئەركىن تىجارەت كېلىشىمنامىسى " ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىمنامىنىڭ كونكرېت ماددىلىرىنىڭ تەستىقلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋىتسارىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر، شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، مەزكۈر تىجارەت كېلىشىمنامىسىنىڭ پروگراممىلىرىغا قول قويۇش كېرەكلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش شۇنىڭدەك كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ، كېلىشىمنامىگە ھەرگىز قول قويماسلىق ھەققىدە قاتتىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان .

شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىگە بۇ خىل تەلەپلەرنى قويغان تەشكىلاتلار ئىچىدە " بېرېن باياننامىسى " نامىدىكى بىر تەشكىلات ۋە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىمۇ بار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. شىۋىتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەندەلى ئەپەندى، بېرن باياننامىسى تەشكىلاتى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە، شىۋىتسارىيىنىڭ زۈرىخ شەھىرىدىكى " بېرن باياننامىسى" تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە كۈتىۋېلىنغان، رابىيە خانىم مەزكۈر تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شىۋىتسارىيىدە قانداق شەكىلدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىش ھەققىدە ئۆز - ئارا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ ھەقتە توختالغان ئەندىلى ئەپەندى مۇنداق دېدى.

رابىيە قادىر خانىم، " بېرېن باياننامىسى " تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، شىۋىتسارىيىدە تونۇلغان پىسخولوگ ۋە دىن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى مارتىن كائۇفنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئەندەلى ئەپەندى بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنلىرى توغرىسىدا توختالدى.

شىۋىتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەندەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋىتسارىيىدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى نۇتىقىنى ئاڭلاش تەلىپىگە ئاساسەن، 23 ‏- نويابىر كەچتە مەخسۇس تۈركلەر بىلەن ئۇچرىشىش پروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلاردىن سىرت يەنە، 24 ‏- نويابىر كۈنى پايتەخت بېرېن شەھىرىدە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈش شۇنىڭدەك گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، يۇرا ۋىلايىتىگە يەرلەشكەن ئىككى ئاكا ‏- ئۇكا بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.