رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

19 - ئاپرېلدىن 24 - ئاپرېلغىچە گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن "ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى" ھەمدە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ھەپتىلىك گېرمانىيە زىيارىتى 29 - ئاپرىل كۈنى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.
مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋىرى
2008-04-30
Share
رابىيە قادىر خانىم سۆزدە 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 20 - ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﺮﻟﯩﻨﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ.
Photo: RFA
 بۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە رابىيە قادىر خانىم قۇرۇلتاي كۈن تەرتىپىدە بەلگىلەنگەن پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن سىرت گېرمانىيە، ئاۋىسترىيە ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشتى.

گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى رابىيە خانىمنى قىزغىن قارشى ئالدى

ئاخىرقى كۈنى يەنە باۋارىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى سەپىرىگە خاتىمە بەرگەن رابىيە قادىر خانىم، بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەرنىڭ ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتى خىتاي - گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈش كۈچىيىۋاتقان، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى رەئىسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ سەپەردە رابىيە قادىر خانىمغا ھەمرا بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، ھەر ساھە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا تۇتقان ئالاھىدە مۇئامىلىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسى رابىيە خانىمنى جىددىي دىققەت ئېتىبارىغا ئالدى

رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغان گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇپ يەتكەن. بولۇپمۇ، دېموكراتىك بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقالمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئەيىبلىگەن .

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئايىقى تەككەنلىكى شەھەردە شەھەر باشلىقلىرى ۋە پارلامېنت ۋەكىللىرى رابىيە قادىر خانىمنى قىزغىن كۈتىۋېلىپلا قالماي، يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرىپىگە زىياپەتلەر بەرگەن.

 19 - ئاپرېلدىن باشلاپلا گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى، تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرى رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدا بەس - بەستە مەلۇماتلار بېرىشكە باشلىغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم بۇ سەپىرىدە كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، كۈنىگە قانچە سائەتلەپ ھەر ساھە مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغان.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت