رابىيە قادىر خانىم كانادا زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.16
2008.06.16
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، كانادا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنغا قاتناشقان ھەمدە كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا بۇ قېتىمقى كانادا زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇشىغا ھەسسە قوشقانلىقىنى شۇنىڭدەك ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ ھەم كانادا ھۆكۈمىتى ھەم كانادا خەلقى ئالدىدا قايتىدىن كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، " بۇ قېتىمقى كانادا زىيارىتىم ناھايىتى غەلىبىلىك ئۆتتى" دېدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى كانادا زىيارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختىنىڭ ئېيتىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك نەتىجىلەر بىلەن ئاياغلاشقان.