سېرب ئۇرۇش جىنايەتچىسى راتكو مىلادىچ قولغا ئېلىندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇرۇش جىنايەتلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن سېرب قوماندان راتكو مىلادىچ پەيشەنبە كۈنى قولغا چۈشتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.05.27

ئۇ 2001-يىلىدىن بېرى غايىب بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى خەلقئارادا ئادالەتنىڭ مەيلى كېيىن ، مەيلى بالدۇر بولسۇن، ئۆز ئورنىنى تاپىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسىتىلدى.

بوسنىيىلىك سېربلارنىڭ سابىق ھەربىي قوماندانى راتكو مىلادىچ بوسىنىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە سېرېبرېنىكادىكى 8000 مىڭ بوسىنىيىلىك مۇسۇلمان ئەرنىڭ قەتلىي قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ئاچقۇچلۇق قوماندان بولۇپ، ئۇرۇش جىنايەتلىرى مەھكىمىسى ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئىدى.

راتكو مىلادىچ سابىق يۇگوسلاۋىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇ سابىق يۇگوسلاۋىيىدە پارچىلىنىش مەزگىلى باشلانغاندىن كېيىن 1991-يىلى كرودىيىگە ئەۋەتىلگەن. كېيىن ئۇ سارايېۋودىكى يۇگوسلاۋىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنچى ھەربىي رايون قوماندانى بولغان. 1992-يىلى بوسىنىيە سېرب ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1995-يىلى سېنتەبىردە سېرېبنىكادىكى قىرغىنچىلىق باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ سىنغا ئېلىنغان مەشھۇر سۆزلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا مىلادىچ : مانا ھازىر سېرېبنىكا شەھىرىدە، بۇ شەھەرنى سېرب خەلقىگە ھەدىيە سۈپىتىدە تەقدىم قىلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز. بىزنىڭ ئاخىرى بۇ مۇسۇلمان بوسىنىيىلىكلەردىن ئىنتىقام ئالىدىغان پەيتىمىز يېتىپ كەلدى، دېگەن ئىدى.

راتكو مىلادىچ 8000 بوسىنىيىلىكنىڭ ئۆلۈمىدىن باشقا يەنە، بوسىنىيە-گېرىتسىگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋونىڭ ئۈچ يىل بويىچە قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنىشغىمۇ سەۋەبچى دەپ قارىلىۋاتقان ئىسىم. ئۇرۇشتىن كېيىن سېربىيىگە قايتىپ پايتەخت بېلگرادتا ئەركىن-ئازادە ياشىغان مىلادىچ 2001-يىلى سابىق يۇگوسلاۋىيىنىڭ باشلىقى مىلوشىۋىچ ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن غايىب بولغان ئىدى. ئەمما خەلقئارا جامائەت بوسىنىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدە بېلگرادقا توختىماي بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا ياۋروپا بىرلىكى سېربىيە ئەگەر ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن رادوۋان كارادىچ ۋە راتكو مىلادىچتىن ئىبارەت ئىككى ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى تېپىپ قولغا ئېلىشى كېرەك، دەپ شەرت قويغان. گەرچە، رادوۋان كارادىچ 2008-يىلى قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما راتكو مىلادېچتىن خەۋەر بولماي كەلگەن ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى سېربىيىنىڭ پرېزىدېنتى بورىس تادىچ راتكو مىلادىچنىڭ 15 يىل ئارىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ « بىز ئاخىرى سېربىيە تارىخىدىكى قاراڭغۇ بىر سەھىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سېربلارنىڭ يۈزىدىكى قارا داغنى يۇغان بولدۇق» دېدى. ئۇ يەنە، نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ 15 يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكىنىڭ بولمىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئايرىم سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەت بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ، پرېزىدېنت كارادىچنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشتى. ئامېرىكا ئاقسارايدىن بېرىلگەن باياناتتا، بۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا كىشىلەرنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ئادالەتنىڭ سورىقىغا تارتىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت باراك ئوباما بۇنىڭ ئەينى چاغدا قەتلىي قىلىنغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا بىر تەسەللى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بولسا بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، پرېزىدېنت كارادىچنىڭ جاسارىتىنى مەدھىيىلىگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى بان كىمۇنمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ، خەلقئارا ئادالەت ئۈچۈن تارىخى بىر كۈن دەپ باھا بەرگەن.

گەرچە مىلادىچنىڭ قولغا ئېلىنىشى خەلقئارا جامائەتنى بولۇپمۇ قىرغىندا ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى مەمنۇن قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ب ب س دىن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مىلادىچنىڭ قولغا ئېلىنىشى سېربىيىدىكى مىلادىچنى قەھرىمان دەپ تونۇيدىغان بەزى زىيادە مىللەتچى گۇرۇپپىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق نامايىشلىرىمۇ يۈز بەرگەن.

مىلادىچ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، سوت دائىرىلىرى بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن مىلادىچنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ تەن ۋە زېھىن سالامەتلىكىنىڭ جايىدىلىقىنى، سوتقا تارتىلسا بولىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بېلگرادتىكى سوتقا چىقىرىلغان مىلادىچ ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئېيتىپ، ئەيىبلەشنى رەت قىلغان.

مىلادىچ بىر ھەپتە ئىچىدە گوللاندىيىدىكى لاھېي ئۇرۇش جىنايەتلىرى مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەھكىمىدە، ئارىسىدا كىچىك بالىلارمۇ بولغان 8000 بوسىنىيىلىكنىڭ سېربلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىكى ئاچقۇچلۇق ئىسىم قاتارىدا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.