رىزا سەمەدى: دادام زىيا سەمەدى پۈتۈن ھاياتىنى مىللىتىگە ئاتىغان ئىدى

يېقىندا قازاقىستان دۆلەتلىك رادىئو ئىشلىرى ئىدارىسى قارمىغىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىش بۆلۈمىنى ئۇزۇن يىللار باشقۇرۇپ، شۇ يەردىن پېنسىيىگە چىققان ، پېشقەدەم جۇرنالىست يەنى، مەرھۇم يازغۇچى، مەدەنىيەت ھەم جامائەت ئەربابى زىيا سەمەدىنىڭ چوڭ ئوغلى رىزا سەمەدى ئەپەندى ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەندە، رادىئو ئىستانسىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008-10-06
Share
ziya-semidi-305.jpg ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺯﯨﻴﺎ ﺳﻪﻣﻪﺩﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA File

غۇلجىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۈرۈمچىدە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن رىزا ئەپەندى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆمۈر بويى رادىئو ساھەسىدە ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، دادىسى زىيا سەمەدىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسلىمە خاراكتېرلىق ئەسىرى " ئىستەك ۋە قىسمەت" نى نەشىرگە تەييارلاپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ رىزا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت