سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيىسىدە خىزمەت ئىشلىگەن ئۇيغۇر ‏- مۇھەممەد رەھمەتۇللا

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىىنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە ئىخلاسى بىلەن بارغانلىكى دۆلەتتە، شۇ دۆلەت ئىگىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن بىر چىۋەر خەلق. ئۇيغۇرلاردىن پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەردە يۇقىرى مەرتىبىلەرگە ئېرىشكەنلەر ۋە دۆلەت ئارمىيىسى تەركىبىگە كىرىشتەك مۇھىم ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغانلارمۇ كۆپ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.04.29

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى سېپىگە كىرىپ، مۇندىن 60 يىللار ئىلگىرى پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكىمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ.

مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكا 1917 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شاھيار ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كىچىك يېشىدا، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە كۆچۈپ چىققان ئىكەن. ھازىر بۇ كىشى 92 ياشقا كىرىپ قالغان، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە رەھمەتۇللا ئاكا بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

رەھمەتۇللا ئاكا بىلەن سۆھبەت

رەھمەتۇللا ئاكا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:" مەن 1948 - يىلى پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 350 كىشىلىك سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارمىيىسى تەركىبىدە، پەلەستىننىڭ غەززە شەھىرىگە باردۇق، ئۇ جايدا ئۈچ يىل تۇردۇق. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قايتىپ كېلىپ، ئاۋۋال سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسىدا 4 يىل ئىشلىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە يىگىرمە يىل خىزمەت قىلىپ دەم ئېلىشقا چىقتىم. ئايروپىلان ئېنژىنىرلىقىدا بىرىنچى دەرىجىلىك شاھادىتىم بار. ھازىر 92 ياشقا كىردىم، تۆت پەرزەنتىم ۋە يىگىرمە نەۋرەم بار."

مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكىنىڭ شۆھرىتى

مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان گېزىت، ژۇرناللىرىدە رەھمەتۇللا ئاكىنىڭ تەرجىمىھالى تا ھازىرغىچە تونۇشتۇرۇلۇپ كەلگەن.

مەسىلەن "ئەل مەدىنە" گېزىتىنىڭ 2000 - يىلى 13 - نويابىر سانىدا، مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكىنىڭ 1948 - يىلى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدا، ھەربى فورمىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى بىلەن ھازىرقى سۈرىتى بىرلىكتە " ئۇرۇش يىللىرىدىن قالغان تۈركىستانلىق جەڭچى" دېگەن تېمىدا ماقالا ئېلان قىلىنغان. يەنە "ئوكاز"گېزىتىنىڭ 2008 - يىلى 11 - ئاپرىل سانىدا" ئارمىيە سېپىدىكى ئەڭ پىشقەدەم جەڭچى" دېگەن تېمىدا، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ئېلان قىلىنغان.

2009 - يىلى 5 - ئاپرىل كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ"ئىقرە" تېلېۋىزىيە قانىلى مۇھەممەد رەھمەتۇللا ئاكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ياشىنىپ قالغان ئۇيغۇر جەڭچىگە ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ كەلمەتتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.