چۈنكى مۇنداق ئىنسان كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى قازانغان قەدىرلىك ئىنساندۇر. ئەكسىچە، ئەركىن دۇنياغا چىقىۋېلىپ ئۆز مىللىتىدىن تانىدىغان، ئۆز مىللىتىگە مەنسۇپ بولۇشتىن نومۇس قىلىدىغان، ۋەتەن، مىللەتنىڭ غېمىنى يېيىش دېگەنلەرنى قامۇسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان تەبىئىتى پەس ئىنسانلارنى باشقىلارمۇ پەس كۆرىدىكەن، مۇنداقلار ھەر قانچە ئوقۇپ دوكتۇر، پروفېسسور ئۇنۋانلىرىنى ئەينەك جازىلىرىغا قاتىرىسىغا تىزىۋەتسىمۇ، ئىنسانىي خىسلەتتىن نېسىۋىسى بولمىغانلىقتىن، ئۇلارغا ھېچكىم نەزەرىنى ئىلتىپات قىلمايدىكەن.
مۇقەددەس ماكانلاردىكى ئۇيغۇرلاردىن مۇنداقلارنىڭ مىساللىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئەسلىنى ئۇنۇتماسلىق، مىللىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش، ئۆز مىللىتىگە مەنسۇپ بولۇشتىن پەخىر ھېس قىلىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆز مىللىتىنىڭ ئېسىللىكىنى ئىسپاتلاش قاتارلىق ئۇلۇغۋار پەزىلەتلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلارنىڭ بىرى ئۇستاز رەھمەتۇللا ئىنايەتۇللا تۈركىستانىدۇر.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى مەركەز قىلغان "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى"دا 1982-يىلىدىن بىرى ئىشلەپ كېلىۋاتقان ۋە ھەر خىل مۇھىم مەنسەپلەرنى تۇتۇپ كېلىۋاتقان ۋە ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا يۈرەكتىن كۆيىنىش، مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن شەرەپ بىلىش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئاتىدارچىلىق قىلىپ قولىدىن كەلگەن ياردەملەرنى ئايىماستىن قىلىشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە كەمتەرلىك، ئالىي ھىممەتلىك، كۆيۈمچانلىق، ئېغىر بېسىقلىق، چىقىشقاقلىق، ۋەتەن خىزمىتىدە تىنىمسىز ئىشلەش قاتارلىق ئېسىل پەزىلىتى ھەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن تونۇلغان ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى تەرىپىدىن ئالاھىدە باھالىنىپ، خىزمەت دەرىجىسى ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق قۇرۇلتاي ۋە تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىدىن تەشكىلاتلارنى ۋە قۇرۇلتاي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، مەرتىۋىسى مىنىستىر دەرىجىسىگە يېقىن بولغان 14 - مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلدى.
بۇ خەۋەر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان "ئىسلام دۇنياسى" گېزىتىنىڭ 2010 - يىلى 4- فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ ئۇستاز رەھمەتۇللا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق ھەم شەرەپلىك ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان ۋە مىللىتىنى جېنىدىن بەك سۆيىدىغان بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزەرىدە بۇنچىلىك زور مەرتىۋىگە سازاۋەر بولۇشى، ئەينى ۋاقىتتا ئۆز مىللىتىنىڭ شەنىنى كۆتۈرگەنلىكى ۋە مىللىتىنىڭ ئېسىللىكى بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلغانلىقىدۇر.
ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈمىدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ئەڭ پېشقەدەم دىكتورى سىراجىدىن ئەزىزىگە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
سىراجىدىن ئەزىزى بىزنىڭ ئۇستاز رەھمەتۇللانى مەيلى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، مەيلى ئەرەب دۇنياسىدىكى پىكىر ئىگىلىرى، مەيلى باشقا مىللەتلەرنىڭ تونۇلغان كىشىلىرى بولسۇن، ھەممىسى بىردەك ماختىشى ۋە "ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئۈلگىسى"، "ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چىۋەرلىكىگە مىسال بولالايدىغان ئادەم" ۋە "سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باش تاجىسى ئۇستاز رەھمەتۇللادۇر" دېگەنگە ئوخشاش باھالارنى بېرىشىنىڭ سەۋەبى نېمە دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: " ئالدى بىلەن ئۇستاز رەھمەتۇللانى تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا زور تەن ساقلىقى تىلەيمەن. ئۇستاز رەھمەتۇللاغا قانچىلىك يۇقىرى ئۇنۋانلارنى بەرسىمۇ ئۇنىڭغا لايىقتۇر. مەن ئۇستاز رەھمەتۇللانى ئەڭ ياخشى تونۇيدىغان بىرىمەن. چۈنكى ئۇنى يىگىرمە بەش يىلدىن بىرى تونۇيمەن. بۇ ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ھاجىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى، ۋەتەن مىللىتىنىڭ غېمىنى يېيىشتۇر. بۇ ئادەم ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلمىغان بولسىمۇ ، ئۇيغۇر تىلىنى بىزدىن ياخشى بىلىدۇ. ئۇ ئەرەب تىلىدىن باشقا، ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، تۈركچە تىللارنىمۇ ياخشى بىلىدىغان ئاكادېمىك بىر ئىنسان. بۇ كىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم قىلىشتىن باشقا، ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ، ئەھۋالىنى سوراپ تۇراتتى. بىز پاكىستاندا ئوقۇۋاتقاندىمۇ يىلدا بىر قانچە قېتىم بىزنى زىيارەت قىلىپ، دەرتلىرىمىزنى تىڭشاپ بىزگە ياردەم قىلغان. بۇ ئادەمنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان كۆپلىگەن ئېسىل پەزىلەتلىرى بار. بۇ ئادەم يۇرتۋازلىق دېگەننى بىلمەيدۇ، ئالدىغا كەلگەن كىشىنىڭ نەدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋەتەن، مىللەتكە پايدىلىقلا ئادەم بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدۇ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.