سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇنجى بولۇپ زاۋۇت قۇرغان ئۇيغۇر

ئۇيغۇرلار تىرىشچان ۋە ئىشچان مىللەت بولغانلىقتىن، ئۇلار بارغانلىكى جايدا ئۆز مېھنىتى بىلەن ھالال كەسىپ قىلىپ ھايات سۈرۈپ كەلگەن خەلق. ئۇيغۇرلاردىن چەتئەللەردە چوڭ كۆلەملىك تىجارەت ئىشلىرىنى بەرپا قىلغان ۋە زاۋۇت - فابرىكىلارنى قۇرغانلارمۇ كۆپ. ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىمۇ شۇنداقلارنىڭ بىرىدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئابدۇلقادىر ھاجىم ئەھمەد توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:" "ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىي ئەمەت ھاجىم تۆگىچى دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، ئەسلى ئاتۇشلۇق. بۇ كىشى 1923 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە چوڭ تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بىرگە كىچىكىدىن ئاتىسىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىپ كەلگەن. كېيىنچە ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ئىكەن. ئاتىسى ئەينى ۋاقىتتا موسكۋا، گېرمانىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ تىجارەت قىلىدىكەن. 1949 - يىلى ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىي يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بىز بىلەن بىللە ھىندىستان ئارقىلىق ئۇدۇل سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن. ئۇ جايدا ئاتىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا دوستلىرىدا قويغان ئامانىتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تىجارەت قىلىشقا باشلىدى. كېيىنچە تىجارىتىنى چوڭايتىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئاتۇشتا ئۆتكەن مەشھۇر ھۈسەيىن باينىڭ ئوغلى تەلەت ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ تۇنجى پىلاستىك زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتى ۋە زاۋۇتنىڭ نامىنى " ئەل ئەمەل پىلاستىك زاۋۇتى" دەپ ئاتىدى. بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا تۇنجى چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن ھېچكىم مۇنداق چوڭ زاۋۇتنى قۇرۇپ باققان ئەمەس. ھازىر ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىي بىلەن تەلەت مۇسابايىۋلار قۇرغان بۇ پىلاستىك زاۋۇتى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى چوڭ زاۋۇتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى."

ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىنىڭ ئىش - ئىزلىرى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" ئابدۇلقادىر ھاجىم ۋەتەنپەرۋەرلىكى ۋە ياردەمسۆيەرلىكى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەۋقۇلئاددە شۆھرەت قازانغان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان بىر قانچە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈن خىراجەتلىرىنى ئۆزى يالغۇز كۆتۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ، ھەر ئاينىڭ بېشىدا شۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش پولىنى ئەۋەتىپ بېرىپ تۇراتتى. دىنغا ياكى ۋەتەنگە مۇناسىۋەتلىك ھەم خەلققە پايدىلىق قانداقلا ئۇيغۇرچە كىتاب بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۆز خىراجىتى بىلەن باستۇرۇپ تارقىتىشنى ئۈستىگە ئالاتتى. مەسىلەن: تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان " ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى"، " ئىسلام دىنىدىكى زاكات" قاتارلىق دىنىي كىتابلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى كىتابلار بۇنىڭ مىسالىدۇر."

ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىينىڭ ۋاپاتى

ئابدۇلقادىر ئەھمەد تۈركىستانىي مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 2005 - يىلى جىددە شەھىرىدىكى ئۆيىدە ۋاپات بولۇپ، نامىزى مەسجىد ھەرەمدە ئوقۇلغان ۋە مەككىدىكى مەشھۇر قەبرىستانلىق " مۇئەللا" قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت