خىتاينىڭ شاڭخەي 6 رامكىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟ (2)

خىتاي دائىرىلىرى - 5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرۇش ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىمۇ بۇ كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىش تەشەببۇسىنىڭ يوللۇقلۇقىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. شۇنداقلا بۇ ھەقتە قايتا ھەمكارلىق سىگنالى بەرمەكتە، ھەتتا مۇشۇ باھانىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر كىرگۈزۈشتەك غەرىزىنىمۇ ئاشكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.06
SHANGXEY-6-305 ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ 6 ﮔﯘﺭﯗﻫﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ.
AFP Photo

ئالدىنقى پروگراممىمىزدا تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرستېتىدىكى ئىستىراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

نۆۋەتتە ئەركىن ئەپەندى بىلەن مەزكۇر مەسىلىلەر ئۈستىدىكى سۆھبىتىمىزنى داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىي ۋە ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرىنىڭ مەقسەت ھەم تەسىرلىرى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقايلى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.