غەرب ئەللىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن سەگەك

خىتايدا ئېچىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ۋە بۇ يىغىندا غەرب دۆلەتلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملار، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» بايان قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى بۈگۈن بېيجىڭدا بىر «خىتابنامە» ئىمزالاپ، ئۇنىڭدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەلۇم دۆلەتلەرنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ھالدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قالقان سىستېمىسىنى كۈچەيتىشىگە قارشى تۇرىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيانى يادرو قوراللىرىدىن خالى رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ دەپ جاكارلىدى.

«مەركىزى ئاگېنتلىقى» نىڭ بايان قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى خىتاي ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىغا قارشى ھەربىي ھۇجۇم باشلىغان، خىتاي ئەسكەرلىرى «ھەربىي مەشىق» دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەم بېسىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئېچىلدى. بۇ يىغىندا خۇ جىنتاۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە ئىقتىدارى بۇ قېتىمقى يىغىندا پۈتۈنلىنىدۇ، دەپ جاكارلىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاي بىلەن بىللە قۇرغان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنمۇ، رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەمكارلىشىپ، ئورتاق مەنپەئەتلەرنى بىرلىكتە قوغداش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى 6‏-ئاينىڭ 6‏-كۈنى باشلىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇنلا، خىتاينىڭ ئەسكىرى ئوچۇق -ئاشكارا ھالدا تىك ئۇچار، برونېۋىك ۋە زەمبىرەكلىرى بىلەن قىرغىزىستان زېمىنىغا دەسسەپ تاجىكىستانغا قاراپ ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى. خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە بولسا، خۇ جىنتاۋنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھازىر باش كۆتۈرۈۋاتقان مىللىي بۆلگۈنچى، تېررورچى، دىنى ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىش بۇيرۇقى بويىچە، خىتاي ساقچى قىسىملىرى خوتەندە خەلق ئۆز-ئارا قۇرئان ئۆگىتىدىغان دىنىي مەكتەپلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆسمۈرلەرنى كۆيدۈرىدىغان ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا بېرىشقا باشلىغان ئىدى.

ب ب س بۈگۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئەنگلىيە خەلقئارا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتچىسى كېررى براھننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلان قىلدى.

---شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ ئويناۋاتقان رولى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا، ----دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ ئەنگلىيىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتچىسى كېررى بىراھن. ئۇنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەرب دۆلەتلىرى ئاللىقاچان گۇمان بىلەن قاراپ كېلىۋاتقان تەشكىلات. چۈنكى ئۇ، بىرىنچىدىن دۇنيادا ئامېرىكىنى قاتناشتۇرمىغان، بەلكى چەتكە قېقىۋاتقان بىرىدىن بىر تەشكىلات. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭدا پەقەت خىتايلا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پىكرى ئاقمايدۇ.

ئەنگلىيىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتچىسى كېررى بىراھننىڭ قارىشىچە، گەرچە دۇنيا ھېچقاچان خىتاينىڭ ئۆزىنى تېز كۈچلەندۈرۈشكە شۇ قەدەر كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسىنى چۈشەندۈرىدىغان باھانە-سەۋەبلىرىگە بولغان دىققىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويمىغان، خىتايمۇ يىللاردىن بۇيان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي رولىنى ھەرخىل دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنيادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچاڭ رۇسىيىدە خىتاينىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسىنى يوشۇرالماي، خىتاي 21‏-ئەسىردە دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان چوڭ دۆلەت بولىدۇ، دەپ جاكارلاپ قويدى.

ئەنگلىيىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتچىسى كېررى بىراھننىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ناتوغا رىقابەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بار ياكى يوقلۇقى، خىتاينىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆتكۈزەلمەسلىكىگە باغلىق ۋە شۇنىڭدا مەلۇم بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەرگىز بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدۇ، گەرچە بۇ ئىككى دۆلەت ھازىر ئۆزىنى سۈرىيە مەسىلىسىدە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە دەۋاتسىمۇ، سۈرىيە مەسىلىسىدە بىرلىشىپ غەربكە كۈچ كۆرسىتىشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىر سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىدىغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.