رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ شاۋگۇەن-ئۈرۈمچى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (1)

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتنى تاقىۋەتكەن بولغاچقا، چەتئەللىكلەر ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچ مەلۇمات ئالالمايۋاتىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغاچقا ئۇلاردىن ئەنسىرىمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-08-26
Share
Urumqi-Guangdong-Qanliq-weqesi-305 2009- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ "ﺷﺎﯞﮔﯘﻩﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ" ﯞﻩ "ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ" ﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ.

چەتئەلدىكى خىتاي ئەلچىلىكلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە س د پىلاستىنكىلارنى ئىشلەپ تارقىتىۋاتقان بولسىمۇ، چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى  تەشكىلاتلىرى مەسۇللىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ پىلاستىنكىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئويدۇرما ياكى بىر تەرەپلىمىلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن بىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر رادىئومىزنىڭ  ئەنقەرە ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈئەن شەھرىدە ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئىگىلىگەن يېڭى مەلۇماتلارنى  بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.   

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت