رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ شاۋگۇەن - ئۈرۈمچى ھەققىدە ئېيتقانلىرى (2)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.08.27
2009.08.27
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمىغاچقا ئۇلاردىن ئەنسىرىمەكتە. چەتئەلدىكى خىتاي ئەلچىلىكلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە س د پىلاستىنكىلارنى ئىشلەپ تارقىتىۋاتقان بولسىمۇ، چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ پىلاستىنكىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئويدۇرما ياكى بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ بىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر رادىئومىزنىڭ ئەنقەرە ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئىگىلىگەن يېڭى مەلۇماتلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.