شايار ماجىراسىنىڭ تۇتقۇنى نەبىجان داۋۇتنىڭ ئانىسى بىلەن سۆھبەت

ھاكىم مىللەت بىلەن مەھكۇم مىللەت، كۆچمەن خەلق بىلەن يەرلىك خەلق ئارىسىدا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈزلەرچە پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلىماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ نۆۋەت شاياردا يۈز بەرگەن 29 ‏ - يانۋار ماجىراسى ۋە بۇ ماجىرادا تۇتقۇن قىلىنغان ياش نەبىجان داۋۇتنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئەنە ئەشۇ خىل پاكىتلاردىندۇر.

مىللىي ماجىرالاردا ھەر ۋاقىت، ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇپ ماجىراغا ئارىلاشقانلار، ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقان ھەق - ھوقۇقى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلەر ھەر خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا.

تۇتقۇن نەبىجان داۋۇت، 2007 ‏ - يىلى بىر قېتىم ئەنە ئەشۇ خىل ماجىراغا ئارىلاشقان، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى جېدەلنى ئاجرىتىۋېتىپ يارىلانغان. شۇ قېتىمقى ماجىرادا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىڭغىراق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر بارمىقىدىن ئايرىلغان؛ نەبىجان داۋۇت ئائىلىسى سوت مەيدانىدىمۇ ئۇتۇپ چىقالمىغان.

نەبىجان داۋۇت بۇ قېتىممۇ يەنى شاياردا ‏ 29 ‏ - يانۋار ماجىراسى يۈز بەرگەندىمۇ يەنە ھەقسىزلىككە شاھىد بولغان ۋە ئوخشاشلا ھەقسىزلىقنىڭ تاماشىبىنى بولالمىغان.

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مىللىي ماجىرالاردا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھەم جازالانغۇچى تەرەپ ئۇيغۇرلار بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا مىللىي ماجىرالارنى كۆزىتىپ تۇرغان بىر نەپەر ئۇيغۇر مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

نەبىجان داۋۇتنىڭ بىر بارمىقىنى پىچاق بىلەن كېسىپ تاشلىغان خىتاينى ئەيىبسىز دەپ قويۇپ بەرگەن خىتاي قانۇنى، نۆۋەتتە، دوستلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ماجىراغا ئارىلاشقان نەبىجان داۋۇتنى ئەيىبكار دەپ قاراپ قاماپ قويۇقلۇق.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، شاياردا يۈز بەرگەن 29 ‏ - يانۋار ماجىراسىدا تۇتقۇن قىلىنغان ياش نەبىجان داۋۇتنىڭ ئانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىدىن پارچىلار ئاڭلايسىلەر .