ماجىرالار، ساقچى خادىملىرىنىڭ ئويۇنخانا ئىگىلىرىگە يان بېسىشى، ئۇلارنى قوغدىشى، ئۇيغۇرلارنى بولسا تۇتۇش ۋە بېسىشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنماقتا. نەتىجىدە ۋەقەنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي خاراكتېرى ئاشكارىلانماقتا.
بۇ قېتىم يۈز بەرگەن 29 - يانۋار ماجىراسى شاياردا يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۈز بەرگەن 10نەچچە قېتىملىق ماجىرانىڭ پەقەت بىرسى، ھەتتا ئاخىرقىسىمۇ ئەمەس، شۇنىڭدىن 3 كۈن كېيىن ئەنە ئەشۇ بازاردا ئوخشاش ۋەقە يەنە بىر قېتىم يۈز بەرگەن. يەنە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.
بىز بۈگۈن 29 - يانۋار ماجىراسىدا ئەڭ ئېغىر يارىلانغان ئۇيغۇر ياش سىراجىدىن بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ، ئەشۇ كۈنىدىكى ۋەقە جەريانى ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەردى.
شاياردىكى يەرلىك خەلقتىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئويۇنخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى كوچىدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇرغانلىقىنى، سىرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىغا خەۋەر قىلغانلىقىنى، ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە، ئويۇنخانا ساھىپلىرىنىڭ ساقچىلارغا ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىگەنلىكىنى، ئاندىن كوچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم ساقچىلارغا ھەم ئويۇنخانا ساھىپلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئويۇنخانىغا تاش - كېسەك بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ساقچىلار شۇ كۈنى ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان نەبىجان داۋۇت، ئەنۋەر ۋە ئابلىكىم قاتارلىق 3 نەپەر ياش، ۋە يەنە ئىككى نەپەر تىجارەتچىنى تۇتقۇن قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارغا 15 كۈنلۈك توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەن.
نارازىلىق ھەرىكىتىدە قانۇنىي داۋا قىلغۇچىلاردىن بولغان نەبىجان داۋۇت بىلەن ئەنۋەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدۇر. ئۇلار نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا، ئۇلارنىڭ جازاسىنىڭ مانا مۇشۇ 15 كۈنلۈك توختىتىش بىلەن تۈگەيدىغان - تۇگىمەيدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.
نۆۋەتتە شايار خەلقى جەمئىيەتكە ئىزچىل ۋەقە تۇغدۇرۇپ بېرىۋاتقان ئويۇنچۇقخانىلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلماقتا.
بۇ پروگراممىمىزدا يەنە، 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ماجىرادا يارىلانغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ۋەقە توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنى سىلەرگە سۇندۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، شاياردا يۈز بەرگەن 29 - يانۋار ماجىراسى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.