ئالىمجان ئىنايەت: شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئەركىنلىك جەڭچىسىدۇر

ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇپمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر دۇنيادا شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە تېمىسى بولۇشقا داۋام قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
 خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېررورچى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان كۈنلەردە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ دۆلەت تېررورى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ئىكەنلىكىنى بۇلار ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

بۇ كۆز قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىلىم ئادەملىرىدىن بىرى بولسا، ئۇزۇن يىل بېيجىڭدا بىر دۆلەت ئورگىنىدا ئىشلىگەندىن كېيىن، تۈركىيىگە كېلىپ، ھازىر ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھازىرغىچە 5 كىتابى نەشىر قىلىنغان پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى.

پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىزنىڭ داۋامىنى بېرىمىز.

پروفېسسور دوكتور . ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، خىتايلار نېمە قىلىشى كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتكە مۇستەقىللىقىنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگىمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققىنى بېرىشى كېرەك. ئەگەر خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتاينىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى خالىمىسا، خەلقئارالىق قانۇنلار بويىچە، ھەقىقى مەنىدىكى ئاپتونومىيە، فېدېراتسىيە ۋە كونفېدېراتسىيە تۈزۈملىرىنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك.

خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز يۇرتىدا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا كېلەچىكىدىن ئەنسىرىمەي ئەركىن، ھۆر ياشىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى مۇشۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرى شۇنى چۈشىنىشى ۋە بىلىشى كېرەككى، ئەگەر يېقىندا خىتاي خەلقى ھەقىقەتنى چۈشىنىپ ئويغىنىپ كېتىدىغان بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرى تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.