شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى ۋە سېرىق دېڭىزدىكى جىددىيلىك

شىمالىي كورىيە 5 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە بېيداۋجى ۋىلايىتىنىڭ فېڭشى رايونىدىكى بىر تاغ باغرىدا يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سېرىق دېڭىزدا جىددىيلىك پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.05.30
Koriye-bomba-atom-sinaq-305 ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ 5‏ - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺭﺍﻛﯧﺘﺎ ﺳﯩﻨﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنىڭ ۋەزىيەت تەررەققىياتى

شىمالىي كورىيە 5 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، كەچ سائەت 5تىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە شەرقىي دېڭىزغا قارىتىپ قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشنى سناق قىلىپ ئىككى بومبا ئاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن 26 ‏- چىسلا يەنە شەرقىي دېڭىزغا قارىتىپ يەر يۈزدىن پاراخوتلارغا ئاتىدىغان قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشنى سىناق قىلىپ 3 دانە بومبا ئاتتى. (مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى)

شىمالىي كورىيە يەر ئاستى يادرو سىنىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىر لەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەتنىڭ ھەممىسى بىردەكلا شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلىدى. (ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرى)

شىمالىي كورىيىدىن تەھدىت ھېس قىلغان جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكا تەشەببۇس قىلغان يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىغا قاتناشقانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ياپونىيە قاتتىق تەلەپپۇزدا بىر بايانات ئېلان قىلىپ شىمالىي كورىيىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتايمۇ شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلەپ بىر بايانات ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورىيە بولسا، بىر لەشكەن دۆلەتلەر ئەتشكىلاتىنىڭ جازا قوللىنىشغا ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 1953 ‏- يىلىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. (ب ب س نىڭ خەۋىرى)

بۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيە ھەربىي جەھەتتە شىمالىي كورىيىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى ۋە ئامېرىكا، ياپونىيىلەر بىلەن بىرلىكتە، سېرىق دېڭىزدا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىشتا قوللىنىدىغان قوراللار ۋە ئۇنىڭغا دائىر سەپلىمىلەرنى توشۇشنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، 29 ‏- چىسلا شىمالىي كورىيە يەنە، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە بىر دانە يېڭى تىپلىق قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشنى سىناق قىلدى. (مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى)

ھازىر سېرىق دېڭىزدا جىددىيلىك پەيدا بولۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ 140 دانە بېلىقچى پاراخوتى تۈنۈگۈندىن باشلاپ شىمالىي كورىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان دېڭىزدىن چېكىنىشكە باشلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جەمىس ستەينبۇرگ شىمالىي كورىيە كرىزىسى تۈپەيلى پەيدا بولغان رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئاسىيا كەلدى. (فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى)

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى روبرت گەيت بۈگۈن سىنگاپورغا كېتىۋاتقان ئايروپىلاندا 'گەرچە شىمالىي كورىيە ھازىر ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا تەھدىت سېلىۋاتسىمۇ، ئەمما تېخىچە ئۇنىڭ نورمال بولمىغان ھەربىي يۆتكەش ياكى كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئۈچۈن قوللىنىدىغان قورال ياكى سەپلىمىلەرنى توشۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە ئەسكەر كۆپەيتىشى ھاجەت ئەمەس' دېدى. (بىرلەشمە ئاگېنتلىىقنىڭ خەۋىرى)

خىتايدا 'مەڭگۇ بۇزۇلماس دوستلۇق' ھەققىدە قايتىدىن تەھلىل ۋە مۇنازىرە باشلاندى

'لوس ئانجىىلىس تايمىس' گېزىتىنىڭ بېيجىڭدىكى شۆبىسىدىن باربارا دېمىك 'خىتايدا شىمالىي كورىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ھەققىدە مۇنازىرە قوزغالدى' سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقىنى پىنيوڭ شەھىرىگە قارىغاندا خىتايغا تېخىمۇ يېقىن جايدا ئېلىپ باردى. سىناق مەيدانىدىن 50 كىلومېتىر يېراقلىقىتىكى خىتاي چېگرىسىدا جىدىيلىك پەيدا بولدى.

بۇ رايونلاردا يەر تەۋرەشتىن ئەنسىرەپ بىر مۇنچە مەكتەپلەر تاقالدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان 'مەڭگۇ بۇزۇلماس دوستلۇقى' قاچانغىچە داۋام قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە قايتىدىن تەھلىل ۋە مۇنازىرە باشلاندى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، شىماليى كورىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەت ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كېيىن، خىتاي ئۇنىڭ بىردىنبىر قوللىغۇچىسى ۋە تەمنىلىگۇچىسى بولۇپ قالدى. شىمالىي كورىيە ھازىر خىتايدىن ھەر يىلى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق يېقىلغۇ، خېمىيىۋىي ئوغۇت، قوناق، زىننەت بۇيۇملىرى، ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاياق ۋە كېيىم قاتارلىق ھەرخىل ئەشيا ياردەم ئېلىپ يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرىۋاتىدۇ.

شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان 850 كىلومېتىرلىق رايونىنى دۇنياغا چىقىدىغان بىردىنبىر ئىشىكى قىلىپ تۇرۇپ، جەنۇبىي كورىيە بىلەن ھەربىي جەھەتتە تىركىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھەتتا شىمالىي كورىيىگە، زۇلۇمغا چىدىماي قاچقان پۇقرالىرىنى خىتاي زېمىنىدا قوغلاپ تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىۋاتىدۇ. شىمالىي كورىيە ئىككى نەپەر ئامېرىكا مۇخبىرىنى تۇتۇۋالغاندىمۇ، خىتاي ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرمىدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە خەلقئارادا خىتاينى شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە دۇنياغا ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىۋاتىدۇ، دەيدىغان قاراش بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا كورىيىنى خىتايغا ھۇجۇم قىلىدۇ دەپ قارايدىغان ئادەم يوق ئىدى. خىتايلار پەقەت شىمالىي كورىيە مەسىلىسى جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىنلا ئەنسىرەتتى. ئەمما ھازىر خىتاينىڭ دېپلوماتىيە ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىر قىسمى شىمالىي كورىيىگە جازا قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.