خىتاي قۇرغان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 40 يىلدىن بۇيان نېمە قىلدى؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010.11.18
2010.11.18
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
شۇنداقلا، بۇ تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر مىللەت خەلقىنى پارتىيىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى بويىچە يېتەكلەپ جەمئىيەتتە ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، گۈزەل ماكان قۇرۇش كەيپىياتىنى يارىتىشقا يەنىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ۋەزىپە قىلدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئىلگىرى بۇ ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە بەزى ئۇيغۇرلار، شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىگە پۈتۈنلەي باشقىچە باھالار بېرىدۇ.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇرغان ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئورگىنى، بولغان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ يىل 40 ياشقا توشتى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى شۇنداقلا بىڭتۇەن ئەمەلدارلىرى بىرلىكتە شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ 40 يىللىق تويىنى ئالاھىدە كاتتا ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، تېلىۋىزىيىدە تارقىتىلغان مەخسۇس تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكى ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە زور مەبلەغ ئاجراتقان.
شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ 40 يىللىق ئالاھىدە زور كۆلەملىك سەنئەت كېچىلىكىگە "شىنجاڭ ياخشى جاي" دېگەن تەشۋىقات نامىنى قويغان بولۇپ ، 14 - نويابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى 21 دە خىتاينىڭ 19 ئۆلكىلىك تېلىۋىز-يە قاناللىرىدا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ تارقىتىلغان. يەنى، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 1970 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردە ، خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 21 يىللىقىنى تەبرىكلەپ تارقىتىشىنى باشلىغان . ئۇ ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىل تىلدا، 15 سىمسىز تېلىۋىزىيە قانىلى، يەنە 3 سىملىق قانىلى ۋە يەنە 9 كەسپى قاناللىرى ئارقىلىق كۈنىگە 260 سائەتلىك پروگرامما تارقىتىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارتكوم سېكرېتارى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىغا، "40 يىل جەريانىدا كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئىشلىرىدا خەلققە ئاكتىپ ئىدىيە يېتەكچىلىك رولىنى ئويناپ ، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى، شىنجاڭنىڭ ئوبراز كۆزنىكى بولدى" دەپ باھا بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان رەئىسى نۇر بەكرى بولسا شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە خەلقنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، تۇراقلاشتۇرۇشتا ۋاقتىدا ئىنتايىن ھالقىلىق تەشۋىقات رولىنى ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات تەلىپىگە ئىزچىل ماسلىشىپ ، كوممۇنىستىك ئاخباراتچىلىقنى يۈكسەك بۇرچ دەپ بىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ 40 يىللىقىنى بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلەۋاتقان بىر پەيتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بولسا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي مەنسۇپ بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئوخشىمىغان باھالارنى بېرىدۇ .
ئىلگىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان سەنئەت كېچىلىكلىرىدە كۆپ قېتىم ئېتوت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان خەلق كۈلدۈرگە ئارتىسى ، نۆۋەتتە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ مۇنداق دەيدۇ.
گېرمانىيىدە ياشاپ تۇرغۇچى يازغۇچى كۈرەش ئاتىخان ئەپەندى شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ 40 يىللىق مۇساپىسىدە ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزگەن مەنپەئەتىدىن زىيانلىرى كۆپ دەپ باھا بەردى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن قەيسەر ئەپەندى ، چەتئەلگە چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ سىملىق تېلىۋىزىيىسىنىڭ ئاساسلىق رېجىسورلىرىنىڭ بىرى بولغان بولۇپ ، ئۇ، "شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى خەلققە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى، قەلەمكەشلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بەرمەي تۇرۇپ، ھېچقاچان ھەقىقىي ئاخبارات ئورگىنىغا ياكى خەلقنىڭ ئاۋازىغا ئايلىنالمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.