شىۋېتسىيىدە خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىر ئۆمەك - 28 چېسىلادىن باشلاپ 4 كۈنلۈك شۋېتسىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۈگۈن يەنى - 30 چېسلا شۋېتسىيە پارلامېنتنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2010-03-30
Share
Xitay-Shiwetsiye-munasiwiti-Uyghur-namayishi-Shi-jinping-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ، ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 30 - ﭼﯧﺴﻼ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Yalkun

نامايىشنى شىۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا نامايىش ھەققىدە ئۇچۇر تەپسىلى ئۇچۇر بەردى.

نامايىشقا، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان دۇنيا قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە، سودىنى دەپ ئەخلاقى مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ شۋېتسىيە باش ۋەزىرى فرېدىرىك رايىنفېلت بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇچرىشىشتا باش ۋەزىر فرېدىرىك رايىنفېلت خىتايدىكى ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە ئىنتېرنېت قامالى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان، ئەمما شى جىنپىڭ باش ۋەزىرىنىڭ سۆزىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.