شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قانچە يىلدىن بىرى بىر يەرگە توپلىشىپ ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇپ كەلمەكتە. گەرچە شىۋېتسىيەدە تۈرك ۋە ئەرەب قاتارلىق نۇرغۇن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ چوڭ مەسچىتلىرى بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئۆز ئالدىغا بىر يەرگە يىغىلىپ، ھېيت نامىزىنى ئوقۇشى بىر تەرەپتىن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي تۇيغۇ جەھەتتە بىرلىككە كېلىشىنى ۋە ئىتتىپاقلىشىشىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەڭ مۇھىمى يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ياشلارغا ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىي كىملىكىنى تونۇتۇش ۋە ئۆگىتىش جەھەتتە ئۈلگە بولۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2010-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ 'ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ' ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ 'ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ' ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
 
بولۇپمۇ، نامازنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە ئېيتىلىدىغان ۋەز - نەسىھەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىشى، ناماز ئەھلىدە، بولۇپمۇ ياشلاردا غۇرۇر تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن.

نامازدىن كېيىن  زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جامائەت چوڭلىرىدىن بىرى بولغان فارۇق سادىق ئەپەندى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ، بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تولۇق بەت