'شىخەنزىدە خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن تارىخىي ئۆچىنى ئالماقتا '

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخەنزە شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان قاتىللىق ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرمەكتە. بەزى قاتىللىق دېلولىرى جەمئىيەتكە ئاشكارىلانسا، بەزىلىرى ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولۇش ۋەقەسى قاتارىدا بېسىلىپ قالماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-11-05
Share
Uyghurni-kalteklewatqan-korunush-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 7 - ﺋﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﻟﺘﻪﻙ ﭼﻮﻣﺎﻕ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭘﻰ، ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﻛﺎﻟﺘﻪﻛﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻨﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﯨﺪﯨﺌﻮ ﯞﻩ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.
AFP Photo

بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن تۇرسۇنجان ۋەلىنىڭ 17 ياشلىق ئوغلى، شىخەنزىدىكى بىر گۇرۇپپا كوچا لۈكچەكلىىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن.

شىخەنزىدە خىتايلارنىڭ نوپۇسى 500 مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بولسا ئاران 2000 ئەتراپىدا بولۇپ، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شەھەرلەردە خىتايلارغا نىسبەتەن مەيلى ئىقتىسادىي، مەيلى ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەھدىت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك. ئۇنداقتا، شىخەنزىدىكى بۇ تۈر قاتىللىق ۋەقەلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟

ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇرۇن شىخەنزىدە 15 يىل ياشىغان؛ ئۇنىڭ بىر ئىنىسىمۇ بۇ تۈردىكى قاتىللىقنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن. ئۇ يۇقىرىقى سوئالغا جاۋابەن قارشلرىىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ پروگراممىمىزدا شىخەنزىدە بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تارىخىي ئۈچ ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە پىكىرلەرنى سىلەرگە سۇندۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت