شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرى راۋانلىشىشىدىكى سىر نەدە؟
2013.01.12

بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن سېلىشتۇرما پۇرسىتى يارىتىش مەقسىتىدە، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سۆھبەتتە گوللاندىيىدىكى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلار بىلەن شۋېتسىيىدىكى ئېلتىجاچى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈپەت - ساپاسى، دەۋا ئىشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە مەيدانى قاتارلىقلار سېلىشتۇرما قىلىندى ۋە گوللاندىيىدىكى ئېلتىجاچى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىدىكى قاتماللىقلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلىرى مۇلاھىزە قىلىندى. اقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە تەكلىپلەر مەيدانغا چىقتى.
ئۇ ئالدى بىلەن شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى.
1. پىلانلىق - سىستېمىلىق خىزمەت ئېلىپ بېرىش.
2. ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەر ئۆز - ئارا ماسلىشىش.
3. مەتبۇئات - تەشۋىقاتنىڭ كۈچى.
نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش نىسبىتى 80% تىن يۇقىرى ئىكەن.
ھالبۇكى، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش نىسبىتى 10% گە يەتمەيۋاتقان ئەھۋالدا داۋام قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا بىر يىل ئىچىدە شۇ دۆلەت تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ قېتىم سانى ۋە سۈپەت تەسىرى ھەققىدىمۇ خىلى چوڭ پەرقلەر بار ئىكەن.