مەمەت توختى ئەپەندى شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

يېقىنقى 2 يىل مابەينىدە ياۋروپاغا چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئىدى. رەت قىلىنىشىغا ئاساسلىقى پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى توغرا ۋە تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكى سەۋەب بولغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.12.15
memet-toxti-shwetsiye-305.jpg مەمەت توختى ئەپەندى شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى. 2011-يىلى دېكابىر.
RFA/Shohret Hoshur

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى ئىش بېجىرگۈچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ئۆتكەن ئايلاردىكى ئىككى قېتىملىق سەپىرىدە شىۋېتسىيە كۆچمەن ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۈ بۈگۈن، يەنى 3-نۆۋەتلىك سەپىرىدە ، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرى دىرېكتورى بىلەن كۆرۈشتى. مەمەت توختى ئەپەندى دىرېكتور بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تاشقى دۇنيادىن خەۋەرسىز قالدۇرۇلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك، سىياسىي پاناھلىققا ئالاقىدار قانۇن-تەرتىپلەرنى تولۇق بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىدا توغرا ۋە تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنلىكىنى مىسال ۋە پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

مەمەت توختى ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلغاندا ئۆز ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى، جۈملىدىن رەسىم، ھۆججەت، ئۇقتۇرۇش، ھەتتا كىنىشكا قاتارلىق نەرسىلەرنى چېگرادىن ئېلىپ چىقىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى چۈشەندۈرگەن. شۇڭا ئۇ مەسئۇل خادىملاردىن ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى كۆزەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغاندا، ئۇلارنىڭ بۇ تۈر ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. مەسئۇل خادىملار، بۇ چۈشەندۈرۈشلەردىن ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە قانائەت ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەمەت توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ 3 قېتىملىق شىۋېتسىيە سەپىرىدە شىۋېتسىيە مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە رولى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر جەمئىيەت شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىگە قارىتا دىققەت-ئېتىبارىنى ئاشۇرغان. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە سىياسىي پاناھلىقى رەت قىلىنغان 50 نەچچە كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىلتىماسى ئالدىمىزدىكى 1-2 ئاي ئىچىدە قايتىدىن قاراپ چىقىلىشى ياكى تەستىقلىنىشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.