خىتاي سىياسىي-قانۇن ئەمەلدارى فالۇڭگۇڭ مۇرىتىدىن ئەپۇ سورىدى

يېقىندا ئۇلۇغ ئېرا گېزىتىدە، خىتايدىكى 610-ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىگە قاراشلىق بىر شەھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ 2 نەپەر ئاكا-ئۇكا فالۇڭگۇڭ مۇرىتىغا تەن جازاسى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە بۇ ئاكا-ئۇكىلاردىن ئەپۇ سورىغانلىقى ھەققىدە بىر خەت ئېلان قىلىنىپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە چەتئەللەردە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2012.11.07
Falungung-imza-toplash-paaliyiti-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻓﺎﻟﯘﻧﮕﻮﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ "ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﺗﻮﭘﻼﺵ" ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Ekrem

خىتايدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا بىۋاسىتە قارايدىغان سىياسىي قانۇن كومىتېتى قارمىقىدىكى 610-ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ جاڭ زېمىن دەۋرىدە مەخسۇس فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىغا قارىتا قاتتىق سوئال-سوراق قىلىش ۋە تەن جازاسى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى مەلۇم. سابىق خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ مەشىق ئېلىپ بېرىشىنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا چەكلىگەن شۇنداقلا، فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىغا قارىتا قاتتىق ۋە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىرى.

خەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى مەلۇم بىر شەھەر دەرىجىلىك فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدىكى ئوندىن ئارتۇق ساقچى بۇ ئىككى نەپەر ئاكا-ئۇكىنى 15 كۈن ئۇخلاتماستىن سوئال-سوراق قىلغان ۋە تەن جازاسى بەرگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 13 يىلدىن بۇيان فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىيىن-قىستاق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئىزچىل كۈنتەرتىپكە قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىرىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يوشۇرۇن ھالدا فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئورگانلىرىنى سېتىش سودىسى قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت پاكىتلار ئارقا-ئارقىدىن پاش قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايدىكى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ تەقدىرىگە بۇرالماقتا.

خىتاي، دۇنيادىكى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىغا بولغان ھېسداشلىق چۇقانلىرىغا قىلچە پەرۋا قىلماي، ئۇلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ قاتتىق قول مۇئامىلە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۇيۇقسىز خىتايدىكى بۇ ساقچى ئەمەلدارىنىڭ 2 نەپەر ئاكا-ئۇكا فالۇڭگۇڭ مۇرىتىغا تەن جازاسى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارغا ئەپۇ سوراش خېتى يېزىپ ئاخبارات ساھەسىدە ئېلان قىلىشى ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇردى.

بۇ مەسىلە ھەققىدە توختالغان خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن ليۇ گوخۇا مۇنداق دەيدۇ:
-خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىغا 13 يىل بولدى، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىم 610-ساقچى ئەترىتىدىكى خىتاي ساقچى ئەمەلدارىنىڭ فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىغا نىسبەتەن تەن جازاسى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئەپۇ سورىشى، يەنە كېلىپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەپۇ سورىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىتايدا كوممۇنىست زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. بۇنىڭغا جاڭ زېمىن ۋە ئۇنىڭ قولچوماقلىرى جاۋابكار. جاڭ زېمىن ۋە بۆ شىلەي قاتارلىقلارنىڭ ھامان بىر كۈن جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ 2 نەپەر فالۇڭگۇڭ مۇرىتى ئاكا-ئۇكىلار، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن.

خىتاي ئانالىزچىسى كا رەن چاڭ ئانالىز يۈرگۈزۈپ، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان بۇ ئىككى نەپەر ئاكا-ئۇكىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىدىكى مەلۇم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ پەرزەنتلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ساقچى تەرەپنىڭ تەن جازاسى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ بوشاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن جا سۈنما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
-خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت مەخسۇس فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان سىياسىي قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ساقچىلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئىقتىسادنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ۋە ياكى ياشانغانلارنىڭ پېنسىيىسى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسا، نۇرغۇنلىغان خىتاي پۇقرالىرى خاتىرجەم بولغان بولاتتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇرۇلغان سىياسىي قانۇن تارماقلىرى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي قانۇن تارماقلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك ھالدا باستۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ھەممىدىن ئەلا» شوئارى ئاستىدا،سىياسىي قانۇن تارماقلىرىنى مەھەللە ۋە ئاساسىي قاتلاملارغىچە كېڭەيتىپ ئۇيغۇر دىيارىنى پۇقرادىن ساقچى كۆپ، ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ۋە كەڭ كۆلەملىك قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.