خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زىيارىتىدە مەجلىس رەھبەرلىرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدا كەچلىك زىياپەت بېرىپ، ۋاشىنگتوندا زىيارەتتىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.01.20
hu-jintao-america-ziyariti-305 خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زىيارىتىدە مەجلىس رەھبەرلىرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى. 2011-يىلى 19-يانۋار.
AFP

ئىككى دۆلەت رەھبىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى كۆز قاراش پەرقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشالايدىغان ئورتاق نۇقتىلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، مەجلىس رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ ئاقسارايدا ئېرىشكەن قىزغىنلىققا ئېرىشەلمىگەن. خۇ جىنتاۋنىڭ پەيشەنبە كۈنلۈك زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، مەجلىس رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدا كەچلىك زىياپەت بېرىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋېلىشى ئۇنىڭ تالاش-تارتىشتىكى 4 كۈنلۈك ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. خۇ جىنتاۋنىڭ تۈنۈگۈنكى پائالىيىتى ئاقسارايدىكى مۇراسىم، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ سۆھبىتى، بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە ئاقسارايدىكى كەچلىك زىياپەتنى ئاساس قىلغان ئىدى. خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ 3-كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنىدىكى پائالىيەت كۈنتەرتىپى ئاساسلىقى ئەتىگەندە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ۋە ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ چۈشلۈك زىياپىتىگە قاتنىشىش ئىدى. خۇ جىنتاۋ بۈگۈن ئەتىگەندە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلىپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ھەم دېموكراتىك رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئۇ ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بوئېر، ئاۋام پالاتا دېموكراتىك ئاز سانلىقلار رەھبىرى نەنسى پەلۇسى، كېڭەش پالاتا دېموكراتىك كۆپ سانلىقلار رەھبىرى خاررىي رېيىد ۋە شۇنداقلا كېڭەش پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى جون كەررىي، دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىچارد لۇگار، جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىكېيىن قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاينى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان رەھبەرلىرىدۇر.

خۇ جىنتاۋ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بونېر خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، "خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ رەت قىلىنىپ، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا دائىر مەسىلىلەردىكى ئەندىشىمىزنى كۈچلۈك تۈردە ئوتتۇرىغا قويدۇق" دەپ كۆرسەتتى. خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە زىيارەت قىلىپ، سۆھبەت ئېلىپ بارغان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا رەئىسى جون بونئېر بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتىك كۆپ سانلىقلار رەھبىرى خاررىي رېيىد پرېزىدېنت ئوبامانىڭ چارشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋنىڭ شەرىپىگە بەرگەن كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغان مەجلىس رەھبەرلىرىدۇر. خاررىي رېيىد لاس ۋېگاستىكى ئامېرىكا يەرلىك مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى باياناتىدا خىتاي رەھبىرىنى "دىكتاتور" دەپ تەرىپلىگەن ھەم بىر دىكتاتورنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە، خاررىي رېيىد كېيىنرەك خۇ جىنتاۋنى "دىكتاتور" دەپ ئاتىماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقىچىرەك بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، سۆھبەت ئېلىپ بارغان كېڭەش پالاتا رەھبەرلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئېلىنا رۇس لېتىنانت خانىم خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە خىتاينىڭ بەزى خەلقئارا مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن زىتلىشىش پوزىتسىيىسى تۇتۇۋاتقانلىقىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى. ئۇ، خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا مەخسۇس ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، "خىتاينىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا مەنپەئىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى" گە دائىر مەسىلىلەردە مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئالغان ئىدى. ئۇ يەنە، ئوباماغا يازغان خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى بىر مەكتۇپىدا ئوبامانى خۇ جىنتاۋنىڭ " بىخەتەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەردە بەرگەن ياسالما ۋەدىسىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىك" كە ئۈندىگەن. لېتىنانت خانىم تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا خۇ جىنتاۋنى قەدىمكى خىتاي ئىمپىراتورلىرىغا ئوخشىتىپ، "خىتايدا يەرلىك بېيجىڭدىكى مەركىزى ھاكىمىيەت بىلەن قارشىلىشىپ قېلىشتىن ساقلانماقچى بولغاندا ئېيتىلىدىغان مۇنداق بىر ماقالە بار: تاغلار ئېگىز، ئىمپېراتور يىراقلاردا. ئەپەندىلەر، خانىملار بۈگۈن ئەتىگەن بىزگە قالقان بولىدىغان تاغلار قالمىدى. خىتاينىڭ يېڭى ئىمپېراتورى تېخى ھازىرلا ۋاشىنگتونغا قوندى" دېگەن ئىدى.

hu-jintao-america-ziyariti2-385
پرېزىدېنت ئوباما ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2011-يىلى 19-يانۋار.
AFP

خۇ جىنتاۋنىڭ دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلانمىدى. ئېلىنا رۇس لېتىنانت خانىم ئەگەر خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشسە، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت ئوباماغا يازغان مەكتۇپىنىڭ بىر نۇسخىسىنى ئۇنىڭغا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر ئۇچرىشىش ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كەچلىك زىياپەت بېرىپ، قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن تەنتەنىلىك كەيپىياتى، ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قىلغان زىيارىتىدە ئەكس ئەتمەسلىكى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىنىڭ خۇ جىنتاۋغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشىدىكى سەۋەبلەر چۈشەندۈرۈلۈپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ ئىقتىسادى-سودا سىياسىتى، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ رولى بارلىقى، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەردە خىتايغا تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئۇلارنىڭ خۇ جىنتاۋنى سوغۇق كۈتۈۋېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خۇ جىنتاۋنى يۇقىرى ئىلتىپات بىلەن كۈتۈۋالغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي رەھبىرىنىڭ مىليونلىغان تىنچلىقپەرۋەر خىتاي، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى سېستىماتىك قولغا ئېلىش ۋە ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش قىلمىشىدا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېگەن: "بىز ئۆزىمىزگە مۇنداق بىر جىددىي سوئالنى قويۇپ بېقىشىمىز كېرەك. خۇ جىنتاۋ دېگەن كىم؟ شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن خۇ جىنتاۋ بېيجىڭنىڭ تىبەتتىكى تۆمۈر مۇشتۇمى ئىدى. ئۇ تىبەت راھىبلىرىنى، راھىبلىرىنى ھەتتا بالىلارنى قىيىن-قىستاققا ئېلىشقا بۇيرۇغان ئادەم. گۇۋاھچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلار ئۆلۈمگە تەرك ئېتىلىپ، يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان. خۇ جىنتاۋ ئەمگەك لاگېرلىرىنى تەشەببۇس قىلغان تىپىك دىكتاتور. ئۇنىڭ مىليونلىغان خىتاي، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىشىدا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار". كرىستوفېر سىمىت ئىسپات بېرىش يىغىنىدىكى سۆزىدە يەنە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بىر دىكتاتورنى زور ئىلتىپات بىلەن كۈتۈۋالغانلىقىنى تەنقىدلەپ، ئوباما ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتوننىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ناھايىتى كونكرېت بولۇشىنى، خۇ جىنتاۋنى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ گائاگادىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە بەزى جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى يېقىنقى پاراكەندىچىلىك ھەرىكىتى، ئۇنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىستراتېگىيىسى ۋە قورال-ياراق سودىسىغا دائىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، خۇ جىنتاۋ شۇ كۈنى ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ چۈشلۈك زىياپىتىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىلىقلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان سودا، تەيۋەن ۋە تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى شەرھلەپ، ئامېرىكىلىقلارنى خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە تىبەتتىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قىزىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.