سەنلۇ سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلەنگەن 8 ئايلىق مۇجاھىتنىڭ ئاتىسىنىڭ مۇڭ - زارلىرى

شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىدا بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنىپ داۋالىنىۋاتقان، سەككىز يېرىم ئايلىق بوۋاق مۇجاھىد ، خىتاي بويىچە سەنلۇ ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ بۆرىكىگە تاش چۈشكەن ئەڭ كىچىك بىمار بوۋاق بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە بۇ بوۋاقلار ئىچىدە بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنغان ئەڭ كىچىك بوۋاقتۇر.

0:00 / 0:00

گەرچە 11 - نويابىر كۈنى مۇجاھىتنىڭ ئوڭ بۆرىكىدىن تاش چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولسىمۇ ، قايتا تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە دوختۇرلار ئۇنىڭ سول بۆرىكىدىمۇ تاش پەيدا بولغانلىقى ھەم سۇ يىقىلغانلىقىغا دىئاگنوز قويغان .

مۇجاھىتنىڭ قايتىدىن ئەنسىزلىككە ، غەمگە پاتقان دادىسى ياسىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ بوۋاقنىڭ دادىسى ياسىندىن، بالىسىنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.