يىپەك يولىدىكى سىر -- چۆللۈكتىكى مارلېن دېترىچ ‏-- 'كۆنچى دەريا گۈزىلى'

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى سانتائانا شەھىرىدىكى بوۋېرز مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان تارىم موميالىرى ۋە موميا قەۋرىلىرىدىن تېپىلغان ئاسارە - ئەتىقىلەر ئامېرىكىلىقلاردا زور قىزىقىش قوزغىماقتا. لوس - ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى چارشەنبە كۈنى موميالار توغرىسىدا سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىپ، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىكتور مېيىرنىڭ قاراشلىرىغا يەر بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.03.31
Teklimakan-Momyasi-Konchi-derya-guzili-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺯﻭﺭ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﺘﺎﺗﻰ ﺳﺎﻧﺘﺎﺋﺎﻧﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﯞﯦﺮﺯ ﻣﯘﺯﯦﻴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﻣﻮﻣﻴﺎﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻮﻣﻴﺎ ﻗﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺭﻩ - ﺋﻪﺗﯩﻘﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﯘﯗ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﻮﻣﻴﺎﻻﺭ ﯞﻩ "ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﮔﯜﺯﯨﻠﻰ" ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://news.yahoo.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

لېكىن موميالارنىڭ ئېتنىك ئىرقىي كىملىكى، تىلى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان بەزى نەرسىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدە پىكىر قوزغىدى.

كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانتائانا شەھىرىدىكى بوۋېرز مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان تارىم موميالىرى ۋە موميالارنىڭ قەبرىسىدىن تېپىلغان بۇيۇملار ئامېرىكىدا 15 ئاي كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. بۇ يىل 7‏ - ئاينىڭ 25‏ - كۈنىگە قەدەر بوۋېرز مۇزېيىدا، 8‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنىدىن كېلەر يىلى 1‏ - ئايغا قەدەر خيۇستون تەبىئەت مۇزېيى ۋە كېلەر يىلى 2‏ - ئايدىن 6‏ - ئايغا قەدەر پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخىئولوگىيە ۋە ئانتىروپولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىش پىلانغا كىرگۈزۈلگەن.

كۆرگەزمىدە ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىغان نەرسە موميالار ۋە ئۇلارغا ئائىت ماددى بۇيۇملار، قەدىمقى ساكلارغا ئائىت نەرسىلەر بولۇپ، بۇ ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى ئانتىروپولىگىيىلىك ئەھۋالى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ۋەسىقىلەردۇر. لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر، كۆرگەزمىگە تاللانغان نەرسىلەردە ئۇيغۇر ئېلى تارىخى بىر تەرەپلىمىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى، موميالار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تارىخى باغ كۆرمەسكە سېلىنغانلىقىنى، مىلادى 7 - 9 ئەسىرگە ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خىتاي ۋە سوغدى تىلىدىكى ھۆججەتلەر كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھۆججەتلەرنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى كۆرگەزمىدىكى زور يېتەرسىزلىك، دەپ كۆرسەتمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ موميالارنىڭ تىلى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكىگە دائىر مەسىلىلەردە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ۋىكتور مېيىر، موميالارنىڭ ئۆز دەۋرىدە توخرى تىلىدا سۆزلەشكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى.

پروفېسسور مېيىر بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، "توخرى تىلىنىڭ قارا شەھەر، تۇرپان، كۇچار - قىزىلدىكى ئىنسانلار سۆزلىشىدىغان تىل ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىز يەنە ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇر ، سوغدى ۋە خوتەن تىللىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. بۇ تىللار رايوندىكى ئاساسلىق تىللار ئىدى. بىز بۇ رايوندا دەسلەپكى ئاھالىلەرنىڭ قايسى تىلنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر خىل پاكىتلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك. يەنى بىرلا نەرسىگە تايىنىۋالماي، تارىخ ۋە تارىخىي تېكىست، گېنىتىك پاكىتلار ۋە تىلنى ئاساس قىلىشىمىز لازىم. ھەر خىل پاكىتلار ئەڭ بۇرۇنقى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇخرىلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. لېكىن ئۇنداق دېسەم ئۇيغۇرلار بىر ئاز ئۈمىدسىزلىنىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار كرورەن گۈزىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى دەپ قارايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

تۇخرىلار مىلادىدىن بۇرۇن ھازىرقى كۇچار، قارا شەھەر ئەتراپلىرىدا ياشىغان قەدىمقى خەلقلەردۇر. لېكىن ئامېرىكىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇ موميالار توخرىلارمىدى ؟ ئۇلار توخرى تىلىدا سۆزلىشەمتى ؟ ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات بۇ مەسىلىدە پروفېسسور ۋىكتور مېيىرنىڭ قارىشىنى رەت قىلىدۇ. دوكتور قاھار بارات كۆنچى دەريا ئەتراپىدىن تېپىلغان بۇ موميالارنى توخرىلار، دەپ مۇقىملاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، توخرىلارنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋاقتى موميالارنىڭ ياشىغان دەۋرىدىن كېيىنكى ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور مېيىر بولسا ، موميالارنىڭ توخرى تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، لېكىن توخرى تىلىنىڭ زادى قانداق تىل ئىكەنلىكى، ھىندى ‏ - ياۋروپا تىللىرىنىڭ قايسى تۈرىگە كىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ "ئۇلارنىڭ توخرى تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن پاكىتلارنى قويالايمەن . ئۇلار توخرى تىلىنىڭ بىر ۋارىيانتىدا سۆزلىشەتتى. سىز مېنىڭ ئېنگىلىز تىلىدىكى خانېي دېگەن سۆزنىڭ توخرى تىلىدىن كەلگەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىدىڭىز. بۇ خەن دەۋرىدىكى توخرى سۆزى. بۇ ناھايىتى بۇرۇنقى دەۋر. شۈبھىسىزكى ، توخرى تىلى ھىندى ‏ - ياۋروپا تىلى، لېكىن توخرى تىلى قانداق تىل ئىدى ؟ ئۇنىڭ غەربىي ھىندى - ياۋروپا تىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى ؟ بۇ ئايرىم بىر مەسىلە" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىلىقلار ئەڭ ھەيران قالغان موميالارنىڭ بىرى خىتايلار "كىچىك دەريا گۈزىلى" دەپ ئىسىم قويۇۋالغان كۈنچى دەرياسى ۋادىسىدىن تېپىلغان ئايالنىڭ جەسىتى بولۇپ، پروفېسسور مېيىر، "لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان سۆھبەت خاتىرىسىدە بۇ ئايالنى تەسۋىرلەپ، "ئۇ كۆرۈنۈشى ناھايىتى مېھرىبان، شەرقىي ئوتتۇرا ئاسىيادىن بايقالغان ئەڭ گۈزەل موميا ئىدى. ئۇ ئۇزۇن كىرپىكى، نۇقسانسىز ھۆسنى - جامالى، نىپىز تېرىسى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، بېشىدا ناھايىتى كۆركەم تۇمىقى بار" دېگەن.

لېكىن موميالارنىڭ ئىرقىي كىملىكى مەسىلىسىدە پروفېسسور مېيىر بىلەن دوكتور قاھار باراتنىڭ كۆز - قارىشى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار موميالارنىڭ ياۋروپا ئىرقىي بىلەن يەرلىك ئىرقنىڭ ئارىلاشمىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. پروفېسسور مېيىر، بوۋېرز مۇزېيىدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى سۆزلىگەن لىكسىيىسىدە، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ موميالار شەرقىي ياكى جەنۇبىي ئاسىيا ئېلېمېنتى بىلەن ياۋروپا ئىرقىنىڭ قوشۇلمىسى دېگەن قارىشىنى رەت قىلىپ، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ موميالار ياۋروپا ئىرقىي بىلەن يەرلىك ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ قوشۇلمىسى دېگەن خۇلاسىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دوكتور قاھار بارات "موميالار دەۋرىدە تەڭرىتېغى ۋە ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشىغان يەرلىك خەلقلەر ئۇيغۇرلاردۇر" دەپ كۆرسەتتى.

پروفېسسور مېيىر "لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى"دىكى سۆھبەت خاتىرىسىدە "كۆنچى دەريا گۈزىلى"نى گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ، ئامېرىكىدا نام چىقارغان 20 ‏ - ئەسىردىكى مەشھۇر ئارتىست ۋە ناخشىچى مارلېن دېترىچ خانىمغا ئوخشاتقان. ئۇ، "مەن ئۇنى چۆللۈكتىكى مارلېن دېترىچ دەيمەن" دەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.