رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، يېقىندا نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن شىددەتلىك ھۇجۇمدىن قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەن خىتايدا بۈگۈن، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ساقچى باشلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە ھەرگىز رەھىم قىلماسلىق شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورى بۈگۈن، خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى، مەملىكەتلىك تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مىڭ جەنجۇ، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كېرەك دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى دەپ خەۋەر قىلدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، رادىئو-تېلېۋېزىيىلىرىمۇ، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ھەققىدە چوڭ داغدۇغا پەيدا قىلىشقا تېرىشتى.
خىتاينىڭ بىڭتۇەن تەڭرىتاغ تورى، مىڭ جەنجۇ تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق ئۇرۇش كېرەك، دېدى دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ شىنجاڭ بىخەتەرلىك تورى، قەشقەر تىنچىدى، كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچ تىكلەندى دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى بولسا، مىڭ جەنجۇنىڭ سۆزىنىڭ تېكىستىنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئېلان قىلدى.
بۈگۈن خىتاي ئېلان قىلغان بۇ خەۋەرلەردە، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇن ماددىلىرى ياكى تېررورچىلىق دېگەننىڭ تەبىرى پەقەت تىلغا ئېلىنمىدى. پەقەت ئۇيغۇرلار نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان خوتەندە ۋە قەشقەردە يېقىندا يۈز بەرگەن شىددەتلىك قارشىلىقلار تىلغا ئېلىندى. خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەلەر دەل خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەپ كېلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ يەر زېمىن، بايلىقلىرىنى ئىگەللىۋالغانلقىغا بىلدۈرۈلگەن ئىپادە ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمدى. خىتاي بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھازىر پۈتۈن خىتاينى، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش دېگەن نام ئاستىدا بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈن ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى قايتىدىن جاكارلىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۈرۈمچىدە، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى جاكارلىغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى. ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئاقساراي ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئامېرىكا ئۆزىگە چوڭ تەھدىت بولۇۋاتقان ئەل قائىدىچىلەر بىلەن يەرلىك تېررورلۇق ھۇجۇملارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا، ئامېرىكا جەمئىيىتىگە يوشۇرۇنغان باشقا دىندىكى رادىكاللارنىڭ، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشىنى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش دەپ بۇرمىلاپ ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەيدىغان ئىدېئولوگىيە ھۇجۇمىغىمۇ تاقابىل تۇرىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى قايتىدىن جاكارلىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغان سەھىپىدىمۇ بۈگۈن ئەركىن مۇنازىرە بولدى. مۇنازىرىلەردە، ئامېرىكا شىنجاڭدا ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قۇيۇپ، بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، دۇنياغا ئېزىلگەن خەلق دەپ كۆرسىتىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، دېگەن تەكلىپلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەمما بۈگۈن بۇ ھەقتە داۋام قىلغان مۇنازىرىلەردە يەنىلا، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، ئامېرىكىغا سىڭىپ كېرىپ چوڭقۇر يوشۇرۇنغان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن تەھدىت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك ۋە ئۇلارنى تېز دىن قېزىشى كېرەك؛ ئامېرىكىدا ياشاشنى خالايدىغان خىتايلار دەرھال خىتاي كوممۇنىست جاسۇسلىرىنى قېزىشقا ھەمكارلىشىشى كېرەك دېگەن تەكلىپلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.