'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' خىتاينىڭ 60 يىللىق چوڭ تەبرىك كۈنى تەيۋەندە قويۇلىدىغان فىلىم، دەپ مۇقىملاندى

تەيۋەن فىلىم فېستىۋالى رابىيە قادىر ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تۇرغانلىقى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەيۋەندە ھازىر بۇ فىلىم ھەققىدە چوڭ داغدۇغا قوزغالدى، تەيۋەن دائىرىلىرىگە قارىتىلغان تەنقىتمۇ كۈچلۈك.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.21
Rabiye-xanim-Filim-festiwal-zalida-tamashibinlar-bilen-305.jpg ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻗﻴﯘﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻟﺪﺍ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.theepochtimes.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. (Paul Crock/AFP/Getty Images)

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بۈگۈن تەيۋەندە قويۇلۇشقا باشلىغانلىقىدىن باشقا، بۇ فىلىمنى 'خىتاينىڭ 60 يىللىق چوڭ تەبرىك كۈنى تەيۋەندە قويۇلىدىغان فىلىم' دەپ مۇقىملانغانلىقى، بۈگۈنكى ئەڭ چوڭ يېڭى خەۋەر بولۇپ قالدى.

'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' بۈگۈن تەيۋەندە قويۇلىشقا باشلىدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر قوزغىلىڭىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلەۋاتقان ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، تەيۋەندە فىلىم فېستىۋالىدىن بىرئاي بۇرۇن، يىگىرمە ئىككىنچى سېنتەبىر كۈنى ئالدىنئالا قويۇلۇشقا باشلىغان. بۇ فىلىم ھازىر تەيۋەندە چوڭ داغدۇغا قوزغاۋاتىدۇ. بۈگۈنكى ئېلانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فىلىم ئەتە تۆت قېتىم قويۇلىدىكەن.

بېلەت ئېلىش ئۈچۈن سەپ بولۇپ تۇرغان كىشىلەرگە بېلەت يېتىشمىدى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ گاۋشوڭدىن بايان قىلىشىچە، 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' دېگەن 59 مىنۇتلۇق فىلىم، بۈگۈن گاۋشوڭدا ئۈچ قېتىم قويۇلدى. ھەر قېتىمدا، بېلەت ئېلىش ئۈچۈن سەپ بولۇپ تۇرغان كىشىلەرگە بېلەت يېتىشمىدى.

23 ‏- چىسلانىڭ بېلىتىمۇ بۈگۈن پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولدى. مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى ھازىر بېلەت زاكاز قىلىدىغان كىشىلەردىن كېلىۋاتقان تېلېفونلارنى ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەيۋاتىدۇ.

بۇ فىلىمنى داغدۇغا قىلىۋاتقان كىشىلەر تەيۋەن دائىرىلىرىنى تەنقىدلىدى

بۈگۈن تەيبېي ئاھالىلىرىدىن ياڭ فامىلىلىك بىر خانىمنىڭ بۇ فىلىم ھەققىدە تەيۋەندە بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بېرىشىچە، تەيۋەن فىلىم فېستىۋالىغا تاللانغان 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' دېگەن فىلىم تەيۋەن فېستىۋالىغا تاللانغان فىلىم تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلمىگەن، بەلكى تەيۋەندە بۈگۈن ئالدىن ‘ئالا قويۇلۇشقا باشلىغان.

بۇ فىلىم تەيۋەندە ناھايىتى چوڭ داغدۇغا قوزغىغان. بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتقان كىشىلەر تەيۋەن دائىرىلىرىنى ' نېمە ئۈچۈن كۈتۈپخانىلاردىلا قويىسەن؟ ' دەپ تەقىدلەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغان.

'شىنخۇئا ئاگېنتلىقى' يالغان ئېيتتى

ئەمما، 'شىنخۇئا ئاگېنتلىقى' بۈگۈن گاۋشوڭدىن تارقاتقان خەۋىرىدە، گاۋشوڭ شەھىرى ھازىر جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا قېلىپ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، كېلەر ئايدا فېستىۋالدا قويۇشقا پىلانلانغان 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' دېگەن فىلىمنى كۈتۈپخانىدىلا قويۇپ ئاياقلاشتۇرماقچى بولغان ئىدى، تەيۋەن خەلقىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى، دەپ بايان قىلدى.

گاۋشوڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بۇ فىلىم 'شەھرىمىزدە ئوچۇق قويۇلىدۇ' دەپ جاكارلىدى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن كەچ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گاۋشوڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى چېن چۇ، بۈگۈن شەھەرلىك پارلامېنتتا، "مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم شەھرىمىزدە ئوچۇق قويۇلىدۇ. بۇ فىلىم شەھىرىمىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق. شەھىرىمىز گەرچە ساياھەت شەھىرى بولسىمۇ، ئەمما شەھىرىمىزنىڭ ئىشلىرى ساياھەتچىلەرگە بېقىنىپ قالمايدۇ. بىز بۇ فىلىمنىڭ تەسىرىنى 7‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنى مېلبورن فىلىم فېستىۋالىدا كۆردۇق" دەپ جاكارلىغان.

تەيۋەن مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشلىقى ۋۇ سەيپىڭ بۈگۈن جەمئىيەتكە يەنە، خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' دېگەن بۇ فىلىم 'خىتاينىڭ 60 يىللىق چوڭ تەبرىك كۈنى تەيۋەندە قويۇلىدىغان فىلىم' دەپ، جاكارلىدى.

تەيۋەنلىكلەر ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيتتى ...

نېمە ئۈچۈن رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم تەيۋەندە بۇ قەدەر داغدۇغا قوزغىدى؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى لىن باۋخۇئا نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تەيۋەنلىكلەر ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيتتى. بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بەك كۆپ قارىلاپ، ئەيىبلەپ كەتتى. گەرچە، تەيۋەنلىكلەر، دۇنيادىكى باشقا دۆلەت خەلقلىرىگە ئوخشاش، كوممۇنىست پارتىيە يامان دېگەن ئادەمنى يامان ئادەم ئەمەس، دەپ قارىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇيغۇرلارنى ئوبدان چۈشەنمەيتتى. 'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' دېگەن ھۆججەتلىك فىلىم تەيۋەنلىكلەرگە ھەقىقىي رابىيە خانىمنى كۆرسىتىپ قويدى.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.