تەيۋەنلىكلەر كىملىكىنى قانداق ساقلاۋاتىدۇ؟

يېقىندىن بۇيان تەيۋەن ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە، يەرلىك تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قانداق ساقلاۋاتقانلىقىغا دائىر ھېكايىلەر ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. تەيۋەندە چىقىدىغان "ئەركىنلىك تور گېزىتى" دە تۈنۈگۈن، تەيۋەندىكى لىن گۇەنجى ئىسىملىك بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ، دەرسخانىدا "تەيۋەن تارىخى" نى سۆزلىگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار قويغان سوئاللارنى ۋە بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن جاۋابلىرىنى تەسۋىرلەپ ماقالا ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.09.24
Teywen-110608-namayish-305.jpg 6 - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﺴﺖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 'ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ' ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﭼﯧﻦ ﻳﯜﻧﻠﯩﻦ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 10 ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯧﻦ ﻳﯜﻧﻠﯩﻨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻘﺎﻥ.
AFP Photo

تەيۋەنلىكلەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانمۇ؟

"تەيۋەنلىكلەر ئۆزى سۆزلەۋاتقان تەيۋەن تارىخى" سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، لىن مۇئەللىم دەرسخانىدا، تەيۋەن تارىخىدا يېقىنقى 400 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ۋەھىمىلىك چوڭ ئىشلارنى بايان قىلغاندا "تەيبېي شەھىرى 945‏1 - يىلى 5‏ - ئاينىڭ 31‏ - كۈنى ئۇشتۇمتۇت ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بىرلا ۋاقىتتا تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسى بىلەن تەيبېي ۋوگزالى بومبىلىنىپ خارابىلىككە ئايلاندى. بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى چوڭ شەھەرلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملار ئىچىدە، ئەڭ ۋەھشىي ۋاسىتە قوللىنىپ قىلىنغان ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تارىختا، ھېچقانداق جاھانگىر دوختۇرخانا دېگەننى بۇنداق ۋەھشىي بومبىلاپ باقمىغان. بۇ ۋەقەنى ھازىرقى بىر - ئىككى ئەۋلاد تەيۋەنلىك بىلمەيدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن گومىنداڭچىلار بۇ ۋەقەنى 'ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان 8 يىل ئىچىدە، تەيۋەن ياپونىيىلىكلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا يۈز بەرگەن ۋەقە '، دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى. بۇ ۋەقە ھازىرقى ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتى تۈزگەن دەرسلىك كىتابلاردىمۇ ئەينەن بايان قىلىنمايدۇ" دېگەندە، ئوقۇغۇچىلار "مۇئەللىم، بىز تەيۋەنلىكلەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانمۇ؟" دەپ سورىغان.

تەيۋەنلىكلەرنىڭ تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىغا قاتناشقان تارىخىنى، خىتاي تارىخچىلىرى "خىتايلارنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى" دەۋالغان

لىن مۇئەللىم ئۇلارغا: "قاتناشقان. بىزدەك مۇشۇ ئەۋلاد تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى، ياپون ئىمپېرىيىسى ئارمىيىسىنىڭ تەركىبىدىكى تەيۋەن قىسىملىرىدا خىزمەت كۆرسەتكەن. بۇ تارىخنى تەيۋەن نۇقتىئىنەزىرى بىلەن كۆزىتىپ سۆزلەش كېرەك. ئەمما تەيۋەنلىكلەرنىڭ تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىغا قاتناشقان تارىخىنى ھازىر، خىتاي تارىخچىلىرى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ 'خىتايلارنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى ' دەۋالدى" دەپ چۈشەندۈرگەن.

تەيۋەنلىكلەر خىتايچە يىلنامە قوللانمايدۇ

تەيۋەندىكى لى شاۋفېڭ ئىسىملىك بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە، "خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش تارىخى" نى بايان قىلدى. ئۇنىڭدا ئارخېئولوگىيىلىك ئىسپات كۆرسىتىپ بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن 15 مىڭ يىل بۇرۇن، تەيۋەن ئارىلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئۆڭكۈرلەردە ياشىغان ئادەملەر قالدۇرغان مەدەنىيەت ئىزلىرى بار. بۇنىڭدىن 7 مىڭ يىل بۇرۇن، بۇ ئارالدىكى تاتلىق سۇ ئاقىدىغان كۇبالى دەرياسى ۋادىسىدا تېرىقچىلىق، ساپالچىلىق تەرەققىي قىلغان.

لى شاۋفېڭ ئەپەندى تەيۋەن تارىخىغا دائىر بايانلىرىنىڭ ھېچبىر يېرىدە، تەيۋەندىكى گومىنداڭچى ئەدىبلەر قوللىنىدىغان "جەنگو دەۋرى"، "خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرى" دېگەندەك يىلنامىلەرنى قوللانماي، پۈتۈنلەي تەيۋەننىڭ ئۆزىنىڭ يىلنامىسىنى قوللانغان. شۇنداقلا، خىتاي ئارمىيىسى تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلغاندا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقلارنى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىپ، ئۇنى تەيۋەنلىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئەس - خاتىرىسىگە ئايلاندۇرغان.

تەيۋەندىكى بىر باي كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بېرىلگەن 2 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئالمىدى

تەيۋەندە چىقىدىغان "ئەركىنلىك تور گېزىتى" دە بۈگۈن يەنە، تەيۋەندىكى مىلياردېر بايلار كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى زېڭ يالى ئىسىملىك بىر كاتتا باي خانىمنىڭ يېڭى ھېكايىسىنى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭدىكى خۇابىن خەلقئارا مەبلەغ گۇرۇھى ئۆتكەن ئايدا، زېڭ يالى خانىم بىلەن بىر كېلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن تەكلىپنامە ئەۋەتكەندە، 2 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق نەق پۇل چېكىنى قوشۇپ ئەۋەتكەن. شۇنداقلا، بۇ خانىمغا يەنە بېيجىڭدا شەخسىي ئايروپىلان قوللىنىش ۋە ئالاھىدە تۇرالغۇدا تۇرۇش ھوقۇقى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي بۇ باي خانىمدىن پەقەت كىملىكىنى ئۆزگەرتىپ "خىتاي پۇقراسى" بولۇشنىلا تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ تەيۋەنلىك مىراسخور باي خانىم "مەن كىملىكىمنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيمەن" دەپ جاكارلاپ، خىتاينىڭ تەكلىپنامىسىنى رەت قىلغان. بۇنداق تەكلىپنامىنى قوبۇل قىلماسلىققا زېڭ يالى خانىمنىڭ دادىسىمۇ قوشۇلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.